ئىرانغا قارىتىلغان 3 ‏- قېتىملىق ئىمبارگو قارار لايىھىسى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە تەستىقتىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۇزۇندىن بېرى دۇنيا سىياسىي كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىران مەسىلىسى، تۈنۈگۈن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن، ئىرانغا يۈرگۈزۈلىدىغان 3 ‏-قېتىملىق ئىمبارگو قارار لايىھىسىنى ئاۋازغا قويدى. يىغىندا، ۋاقىتلىق ئەزا ھىندونېزىيە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، كېڭەشنىڭ قالغان 14 ئەزاسى تولۇق ئاۋاز بىلەن قارارنى ماقۇللىدى.

3‏ - قېتىملىق ئىمبارگونىڭ تەپسىلاتى

3‏-قېتىملىق ئىمبارگو قارارىدا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئىمبارگو تۈرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا ئالاقىدار دەپ قارالغان شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلغان، بۇلارنىڭ سىرتتىكى مال-دۇنياسىنىڭ توڭلىىتىلىشى تەشەببۇس قىلىنغان ھەم يەنە، ئىران بىلەن تىجارەت قىلىدىغان شەخس ۋە شىركەتلەرگە قەرز بەرمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىراننىڭ ئىككى چوڭ بانكىسىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرى، ئىراننىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە دېڭىز ترانسىپورتلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

3 ‏- قېتىملىق ئىمبارگو قارارى، ئىرانغا قارىتا خەلقئارا جازانىڭ يەنە بىر بالداق كۈچلەندۈرۇلىشىدۇر. ئەمما قارارنامىدا ئىرانغا قارىتا بىر قاتار چېكىنىش يولى قويۇلغان، يەنى ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئىشىكىنى تولۇق ئېچىشى، ئۇران ئىشلەپچىقىرىشنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىتىشىى تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىراننىڭ تېنچلىق غايىسىدە ئاتوم ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقى بارلىقى، ئەمما ئاتوم ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يادرو قوراللىرى ئۈچۈن ئەمەسلىكىگە دۇنيانى ئىشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.

" ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلىدۇ "

قارار ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدا، ئىراننىڭ ب د ت ۋەكىلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: قانۇنىي جەھەتتىن ئاساسسىز، سىياسىي جەھەتتىن زورلىما خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قارارغا ئىران ئىتائەت قىلمايدۇ. تارىخ ئىسپاتلىغانكى، ھەر قانچە ئېغىر بېسىم، ھەر قانچە قاتتىق جازا ئىران خەلقىنى قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ.

ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ ھەربىي مەقسەتلىك ئەمەسلىكىنى تەكرارلىغان ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاد قارارغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ۋە يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ھۇمەينىنىڭ ۋەكىلى سۆزىدە، ب د ت قارارىنىڭ ئىراننىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلىشى ئۈچۈن 200 يىل ۋاقىت كېرەكلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قاراردىن كېيىن، ئىراندا ئۆكتىچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئىسلاھاتچىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرىۋاتىپلارغا قارىتا ئۆكتىچى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. چۈنكى ئالدىنقى ئايدا، ئىراندىكى ئىسلاھاتچى قاناتتىن 300 كىشى ئىمزا قويۇپ، ئىران پرېزىدېنتىغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا، ئەخمەدى نىجادنىڭ ئامېرىكىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىرانلىق مۇتەخەسسىس، ئىراننىڭ ئىقتىسادىي جازادىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جۇڭخەي ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ مەنپەئەتى تەھدىت ئاستىدا

ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلغان بىرىنچى قېتىملىق قارار 2006 ‏-يىلى چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ قاراردا ئاساسلىقى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورت ۋە ئىمپورتىغا ئىمبارگو قويۇلغان. 2‏-قېتىملىق جازالاش قارارى 2007 ‏-يىلى چىققان بولۇپ، بۇ قاراردا ئاساسلىقى ئىراننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر بانكىسى ۋە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش چەكلەنگەن. بۇ قېتىمقى قارا بۇيىچە ئاساسلىقى بىر تۈركۈم دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

ئىرانغا قارىتا يۈرگۈزۈلمەكچى بولغان 3 ‏- قېتىملىق ئىمبارگو قارارىغا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قارشى تۇرۇپ كەلگەن خىتاي، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمى نەتىجىسىدە قارارنامىگە قوبۇل ئاۋاز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىراندا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ جۇڭخەي ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ مەنپەئەتى تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا؛ بۇ شىركەت ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئىراندا 16 مىليارد دوللار قىممىتىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش توختامى تۈزگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ جۇڭخەي شىركىتىنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن توختامىنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭخەي شىركىتىنىڭ نيۇيوركتا بىر ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، ئامېرىكا قانۇن بۇيىچە، ئامېرىكا زېمىنىدا ۋىۋىسكا ئاسقان ھەر قانداق بىر شىركەت دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىش قىلسا، ئامېرىكىنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك. خىتاي دائىرىلىرى بولسا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن توختاملىرىنى، 3 ‏- قېتىملىق ئىمبارگونىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)