كوفى ئانان ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشى " قانۇنسىز" ھەرىكەت دېدى


2004.09.17

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كوفى ئانان چارشەنبە كۈنى ب ب س رادىئو تىلىۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبتىدە، ئىراقنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن " قانۇنسىز" بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇق بولىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كىڭىشىدىن ئىككىنچى بىر قارار چىقىشى كىرەك ئىدى، دىدى .

كافى ئاناننىڭ بۇ سۆزلىرى پرېزدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋەتتى . پرېزدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇنىڭ ئېتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كىڭىشىنىڭ -2002 يىلى نويابىر ئىيىدا قوبۇل قىلغان -1441 نۇمورلۇق قارارى ئىراقنىڭ ئىشغالىنىڭ قانۇنلۇق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كىڭىشى مەزكۇر قارارىدا سادام ھۆسەىنىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئەگەر ئۇ كەڭ كۆلەملىك يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارغا ئىگە بولۇش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرسا، جىددى ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

گەرچە، پرېزدېنت بۇش، ئىراققا ئۇرۇش ئىچىش مەسىلسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كىڭىشىگە ئىككىنچى بىر قارار لايىھسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، لىكىن، فرانسىيە ۋە رۇسيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارغا قارشى چىقىشدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىككىنچى قارار لايىھەسى سۇنۇش پىكرىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى .

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كافى ئاناننىڭ قارىشىچە ، پرېزدېنت بۇشنىڭ ئىراققا ئۇرۇش ئېچىش توغرىسىدا بىخەتەرلىك كىڭېىشىگە ئىككىنچى بىرقارارنى سۇنمىغانلىقى، ئىراقنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ " قانۇنسىز" بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن .

ئەمما، پرېزدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، سىكوت ماكلىلان ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كىڭېىشىنىڭ ئىراق توغرىسىدا ئالغان 1441 - نومورلۇق قارارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قارشى ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن قايتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كىڭىشىدىن ئىككىنچى بىر قارار چىقىرىش كىرەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى .

ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تىپىلمىغانلىغى، پرېزدېنت بۇشنى قيىن ئەھۋالغا چۆشۈرۈپ قويماقتا . چۈنكى سادام ھۆسەيىننىڭ كەڭ كۆلەملىك يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكى پرېزدېنت بۇشنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىدى . شۇنداقلا ئىراقتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلرىنىڭ سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشى پرېزېدنت بۇش نىڭ مۇشۇ يىل نويابىرئىيىدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزدېنت سايلىمىدا قايتىدىن پرېزدېنت بولۇپ سايلىنىش ئۈمىتىنى ئازايتماقتا.

مۇتەخەسىسىلەرنىڭ بىلدۈرۈىشچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كافى ئاناننىڭ ئىراقنىڭ ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قسملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر پرىنسىپلىرى بويىچە قانۇنسىز بىر ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەنلىكى، ئامېرىكا بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىنىڭ ئىراق مەسىلسىدە ھەمكارلىشىشىنى قيىنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا پرېزېدنتى بۇشنى ئامېرىكىدا پرېزدېنت سايلىمى يىقىنلىشىۋاتقان بىر پەيىتتە، تىخىمۇ ئىغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلار نىڭ ئىېيتىشىچە، كافى ئاناننىڭ باياناتى ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قسملىرىغا قارىتا ئىلىپ بىرىۋاتقان ھەرىكىتىنى ھەقلىق بىر ھەرىكەت دەپ كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى مۇمكىن .

دىگەندەك ، ئىراقتىكى ئامېرىكا قسملىرىغا قارشى قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بىرىۋاتقان رادىكال شىئەلەرنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەلسەدىرنىڭ باياناتچىس ئابدىل ھادى دراج ، پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتبى كافى ئاناننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشىنى قانۇنسىز ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەنلىكى، ئىراق خەلقىنىڭ ئىشغالغا قارشى كۆرىشىنىڭ ھەقىلىق بىر كۆرەش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ،- دىدى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.