ئامېرىكا ئىراقتكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقنى جاكارلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى، ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراققا قوشۇمچە ھەربىي قىسىملار ئەۋەتىش، ئىراقتا كىلەر يىلى 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ئومۇمى سايلام ھارپىسىدا ۋە سايلام جەريانىدا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىشىنى مەقسەت قىلىدىكەن .

ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئىراقتا 138 مىڭ نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى مەۋجۇت بولۇپ، ۋاشىنگتون ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى150 مىڭ كىشىگە كۆپەيتىشنى قارارقىلغان . يەنى ئىراققا يەنە 12 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىغان .

2003 - ماي ئېيىدا پرېزىدېنت بۇش ئىراق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىلىك ئاياقلاشقانلىقىنى جاكارلىغىنىدا، ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانى 148 مىڭ نەپەر ئەتراپىدا ئىدى .

خاتا مۆلچەرلەنگەن

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى جاكارلىشىدىن بىر يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىراققا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى، ئامېرىكا ھەربىي پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ ئىراقتا ئۇرۇشتىن كېيىن بۇنداق قاتتىق بىر قارشىلىققا ئۇچىراشنى تەسەۋۋۇر قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى، ئىراققا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش ۋاقىتلىق بىر ئىش، سايلامدىن كېيىن ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانى 138 مىڭ نەپەر گە چۈشۈرۈلىدۇ دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدىن بىرى ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى پەيدىن - پەي كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە .

باشقا دۆلەت قىسىملىرى چېكىنىپ چىقماقتا

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قوشۇمچە 12 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار ئىكەن . ئىراققا ھەربى قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن بەزى دۆلەتلەر، ئىچىكى سىياسىيى بېسىملار سەۋەبىدىن ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

مەسىلەن، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئىراققا ئەۋەتكەن 1300 نەپەر ئەسكىرىنى كىلەر يىلى مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىراقتىن چىكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ۋىنگىرىيە ھۆكۈمىتى دىكابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىراقتا تۇرۇشلۇق 300 نەپەر ھەربىي قىسىمىنى ئىراقتىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ، ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتكەن باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى چىكىندۈرۈش ئىھتماللىقىغا قارشى تەييار تۇرۇشت ۋە ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت . ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بازىسغا ئايلانغان فەللۇجە شەھىرىنى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇھىم بازىسىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ، نۆۋەتتە قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ يەنە بىرەر شەھەرنى ئۆزلىرىگە بازا قىلىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدۇ

ئەمما سابىق ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان دىۋىد گومپەرت چارشەنبە كۈنى جەنۋە دە ئىچىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقتكى توقۇنۇشلارنى ئۆزئالدىغا بىسىقتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گۇمپەرت، ئىراقتا توقۇنۇشلارنى توختۇتۇپ ، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن قابىلىيەتلىك ئىراقلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى قۇرۇپ چىقىش كىرەك، دىدى .

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر -30 يانۋار كۈنى ئىراقتا ئۇمۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلمىسە، بۇ ئىراقتا كۆپ ساننى ئىگەللىگەن ۋە ئاپرىل ئىيىدىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن خىلى جىمىپ قالغان شىيە لەرنىڭ قۆزغۇلاڭ كۆتۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن .