ئىراقتا مەدىنىي مىراسلارنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا


2005.01.06

ئىراق مەدەنىيەت ساھەسى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئىراقتا مۇزېيلارنى بۇلاش قىلمىشلىرى توختىغان بولسىمۇ، ئامما بۇلاڭچىلار يەنىلا ئۆلكىمۇ -ئۆلكە يۈرۈپ، ئارخىئولوگىيىلىك ئىزلارنى بۇلاش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلماقتا.

ئىراقتىكى ئاسارە - ئەتىقە مەركەزلىرى بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىدى

ئىراق مۇزېي مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ھەر قايسى مۇزېيلار ۋە مەدەنىي مىراس ئورۇنلىرىدىن 15 مىڭ پارچە ئاسارە- ئەتىقە بۇلاپ كېتىلگەن بولۇپ، مەزكۈر ئاسارە -ئەتىقىلەر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك بۇيۇملاردىن ئىكەن.

musul.jpg
خارابىلىققا ئايلانغان موسۇل ساقچى ئىدارىسى. 2003-يىل ئاپرىل. RFA ئۆمەر قانات فوتوسى

ئىراق مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى سۆزىدە: "پىل چىشى بىلەن ياسالغان ئاسىرىيىلىك ئادەم بىلەن چىشى شىرنىڭ ھەيكىلى، دۇنياغا مەشھۇر قىممەتلىك بۇيۇملاردىن ئىدى، بىز مەزكۇر قىممەتلىك ئاسارە - ئەتىقىلەرنى يوقىتىپلا قالماستىن، يەنە تېخى شۇمېر خانلىقى پادىشاسىنىڭ ھەيكىلىنىمۇ يوقۇتۇپ قويدۇق، بۇ بىزنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى ساقلاپ كەلگەن دۆلەتنىڭ بايلىقىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىمىز ھىساپلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

بۇلاڭچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئالدىن پىلانلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

گەرچە، بىر قىسىم مەدەنىي يادىكارلىقلارخەلقئارا ساقچىلار بىلەن يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان مەدىنىي مىراسلارنى قوغداش باشقارمىسىدىكى قوغدۇغۇچىلار تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆپلىگەن قىممەتلىك بۇيۇملار نامرات كىشىلەر تەرىپىدىن ئوغىرىلىنىپ سېتىۋىتىلگەن.

بۇلانغان مۇزېيلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندىمۇ، مۇزېينىڭ ئىشىك دەرىزىلىرى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بۇزۇلغان، ھەتتا بىر قىسىم بۇلاڭچىلار مۇزېينىڭ قۇلۇپلىئىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلارنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇلاڭچىلار، ئالدىن - ئالا بۇلاڭچىلىق قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان.

ئىراق مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خامىدنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر ئاسارە - ئەتىقلەرنىڭ قەيەرگە قويۇلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەن، چۈنكى بۇلاڭچىلار توك بولمىغان قاراڭغۇ مۇزېينىڭ ئىچىگە كىرىپ، مۇھىم قىممەت باھالىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئوغرىلاپ ئېلىپ كەتكەن.

ئىراق ئاسارە- ئەتىقىلەرنى يىغىۋىلىش ئۈچۈن، غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج

ئىراق، نۆۋەتتە مەخسۇس قارا تىزىملىك خاتىرىسى تۇرغۇزۇپ، ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى، بۇ ھەقتە توختالغان ئىراق مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دىدى: "ئەگەر مەدەنىي يادىكارلىقلارغا بولغان ئېھتىياج كېمەيسە، ئىراقنىڭ مەدەنىي بۇيۇملىئىرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىراق چېگرىسى سىرتىدىكى ئامېرىكىلىقلار، ياۋرۇپالىقلار ۋە ياپونىيىلىكلەر بۇلاپ كېتىلگەن مەدىنىي يادىكارلىقلارنى ئىزدەش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى، ئۇلار ھەتتا ئىنتايىن كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ، مەزكۇر بۇيۇملارنى سېتىۋىلىشنى تەشەببۈس قىلماقتا. ئەگەر سېتىۋالغۇچى چىقمىسا، ئەلۋەتتە بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەر سېتىۋىتىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىراقنىڭ ئاسارە - ئەتىقىلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك".

2003 -يىلى، ئىراقتا ئىستانسىمىز مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باغدات شەھىرىدىكى بىر مۇزېينىڭ مەسئۇلى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلارنى بۇلاش قىلمىشلىرىنى توسىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن مۇزېينى قوغداشنى تەلەپ قىلغاندا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى "بىز بۇ يەرگە مۇزېيلارنى قوغدىغىلى كەلمىدۇق، ئۇرۇش قىلغىلى، سادامنى يوقاتقىلى كەلدۇق" دىگەن جاۋاپنى بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

دېمەك، ئەينى چاغدا ئىراقلىقلار بۇلانغان ئاسارە ئاتىقىلەرنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قوغداپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن.

ئىراق، نۆۋەتتە نيو-يوركتىكى دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش فوندىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا مەدەنىي مىراسلارغا نومۇر قويۇپ رەتلەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا، مەدەنىيەت مۈتەخەسىسسلىرىنىڭ قارىشىچە، قىممەت باھالىق تارىخى بۇيۇملار شەخسلەر تەرىپىدىن يوشۇرىۋىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر مىراسلارنى يېقىنقى دەۋىردە قايتۇرۇپ ئېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.