ئىراق كرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا


2006.10.20

ئىراقتا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، جۇرج بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقى ھەمدە مەۋجۇت سىياسەت بىلەن ئىراقتا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەقەت دېموكرات پارتىيسىدىكى جۇرج بۇشنىڭ رەقىپلىرىلا ئەمەس، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى دەپ قارالغان كىشىلەرمۇ ئوچۇق- ئاشكارا سىياسىي سورۇنلاردا تىلغا ئېلىشقا باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بولۇپمۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ شىئە ۋە سۈننىيلەر ئارسىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي بىر تەدبىر ئالالمايۋاتقانلىقى ھەتتا بۇش ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر تولۇق ئۈنۈم بەرمىگەن

ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى گېنرال ۋليام كولۋلدنىڭ پەيشەنبە كۈنى، ئىككى ئايدىن بېرى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ۋە ئىراق ئارمىيىسى تەرىپىدىن باغداد شەھىردىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ۋە باغدادتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىگەنلىكىنى جاكارلىشى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكى باغدادنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرقانداق قىلىپ بۇ شەھەردىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ۋە شەھەرنى قارشىلاشقۇچى كۈچلەردىن تازىلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلاتقان. ئامېرىكا نۇرى ئەلمالىكىنىڭ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن باغدادقا قوشۇمچە 12 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى. لېكىن ئىككى ئايدىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ھەمدە مەزھەپلەر ئارا توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. باغدادتا قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، توقۇنۇشلاردا يۈزلىگەن كىشى ئۆلدى ھەمدە ئۆكتەبىر ئېيى ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 71‏ گە يەتتى.

ئىراق كرىزىسىدىن چىقىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى ئامېرىكىدا ئىراق كرىزىسدىن چىقىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ھەمدە ئىراق كرىزىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تەكلىپلەرنىڭ بېرى ئىراقنى دىنىي ۋە مىللىي رايونلار ئاساسىدا ئۈچ قىسىمغا يەنى شىئە، سۈننىي ۋە كورد رايونلىرىغا بۆلۈپ، ئاندىن قوشنا دۆلەتلەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر مىقدار ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئىراقتا قالدۇرۇپ ئاساسلىق قىسمىنى تەدرىجى ھالدا ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش. لېكىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراقنى ئۈچ قىسىمغا پارچىلاش تەكلىپلىرىگە قارشى چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تەكلىپلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا، ئامېرىكا تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن ئىراق ئارمىيىسىنىڭ ئىراقنىڭ باش مىنسىتىرى نۇرى ئالمالىكىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىراقتا ئىراقتىكى بىر-بىرىگە قارشى گۇرۇپپىلارنى بويۇن ئەگدۈرەلەيدىغان بىر كىشنى تىكلەپ چىقىشى. بۇ تەكلىپ ئىراق مىللىي رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قوللاۋاتقان بىر تەكلىپ ئىكەن.

گەرچە پرېزىدېنتى بۇش دۈشەنبە كۈنى ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئالمالىكىگە تېلېفون قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نۇرى ئەلمالىكىنىڭ ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى قايتىدىن تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەقدىر ئېلىشتا ئاجىز قالغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى سەزگەن باش مىنستىر نۇرى ئەلمالىكى دۈشەنبە كۈنى ئىراق شىئەلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرى ئايەتۇللا سىستانى ۋە ئىراقتىكى رادىكال شىئە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتىدا ئەلسەدىرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.