0:00 / 0:00
ئىراقتىكى توقۇنۇشلار، پارتلىتىش، بومبىلاش ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكژ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىراقتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 100 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن 2005 - يىلى يانۋاردىن كېيىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەڭ كۆپ ئۆلگەن ئاي ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەبىر، ياردەملىشىش ۋە تىنچلىق ئېيى ھېسابلانغان رامىزان ئېيىدا ئىراقتا 300 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە سەيشەنبە كۈنى باغداتنىڭ شىئەلەر ئولتۇراقلاشقان رايونى ھېسابلانغان سەدىر رايونىدا يۈز بەرگەن بىر پارتلاشتا 31 كىشى ئۆلگەن.
ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.