ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى
2006.12.08
ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېمز بېكەر ۋە سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى لى ھامىلتوننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ، ئىراق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 79 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 96 بەتلىك دوكلاتتا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئىلىنغان بولۇپ، سۇرىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىش تەكلىپلىرىنى داۋاملىق رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. مۇشۇ تەنقىد سەۋەبىدىن ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دوكلاتى ھەم ئامېرىكىنىڭ سابىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەمدە بۇش ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىردەك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار دوكلاتتا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىپلوماتىيە تەكلىپلىرىنى رېئاللىققا توغرا كەلمەيدىغان خاتا تەكلىپلەر دەپ قارىماقتا.
2008- يىلىغىچە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئۇرۇشچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قىيىن
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گەرچە ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2008- يىلىغىچە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئۇرۇشچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش تەكلىپىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بىر تەكلىپ، دەپ كۆرسەتتى.
ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت جۇرج بۇش ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بىلايېر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا، ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن رازى ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پىكىرلىرىنى كۆرۈپ چىقىشىقا ئەرزىيدىغان پىكىرلەر دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاستىلىق ھالدا ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
دوكلاتتا، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەپ -ئىسرائىلىيە جىدىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ۋە جىددىي بىر دىپلوماتىيە ھەرىكىتى باشلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ دوكلاتقا قاراشلىرى
پرېزىدېنت بۇش تونى بىلايېر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىدا، تونى بىلايېرنىڭ يېقىندا ئەرەپ-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئۆزىنىڭ يىڭى ۋە جىددىي بىر تەشەببۇس باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچبىر نېمە دېمىگەن.
پرېزىدېنت بۇش شۇنداقلا ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2008- يىلىغىچە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئۇرۇشچى قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىش تەكلىپىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىيەتكە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئىران ھۆكۈمىتى ئۇران تاۋلاش پروگراممىسىنى توختاتمىغىچە سۇرىيە لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش پائالىيىتىگە خاتىمە بەرمىگىچە، بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپسى ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ۋە سۇرىيە قاتارلىق ئىراققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى، ئىراق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى
ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇمھۇرىيەتچى جېمز بېكەر ۋە سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دېموكرات پارتىيىلىك لى ھامىلتوننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى. چۈنكى بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتكە تەكلىپ بېرىش سالاھىيىتى بار بولۇپ، ھۆكۈمەتكە بۇيرۇق چۈشۈرۈش سالاھىيىتى يۇق. شۇڭا گەرچە مەزكۇر گۇرۇپپا نۇرغۇنلىغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ياققان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتكە ياقمىغان تەكلىپلەرنى رەت قىلىشى مۇمكىن. پرېزىدېنت بۇش ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بەزى تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بەزى تەكلىپلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا، بەرگەن باياناتىدا، جىمز بىئېكەر ۋە لى ھامىلتون بىزنىڭ پۈتۈن تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشىمىزنى كۈتمەيدۇ، دېدى. ھالبۇكى جېمىز بېكەر ۋە لىي ھامىلتون چارشەنبە كۈنى دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا، ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپسى پرېزىدېنت بۇشتىن تەكلىپلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەس ھەممىسىنى بىردەك قوبۇل قىلىشىنى كۈتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق ئۇرۇشى، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا
- پرىزىدېنت بۇش ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر بىلەن ئىراق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى
- كوفى ئاننان: ئىراق ۋەزىيىتى ئىچكى ئۇرۇشتىنمۇ " بەتتەر"
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئوتتۇرىغا
- پرىزىدېنت بۇش ئىراق باش مىنىستىرى نورىي مالىكىنى تەرىپلىدى
- باغداتتا زەنجىرسىمان پارتلاشلاردىن كېيىن جىددى ھالەت ئېلان قىلىندى
- ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسى سايلىمى