0:00 / 0:00
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەلقىغە يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيسىنى تونۇشتۇرماقچى. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسى ئاساسەن ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. لېكىن پرېزىدېنت بۇش تېخى يېڭى ئىستراتېگىيسىنى تونۇشتۇرماي تۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن دېموكرات پارتىيە رەھبەرلىرى بۇشنىڭ پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ھەتتا پرېزىدېنت بۇشنىڭ جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ بەزى رەھبەرلىرىمۇ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنىڭ ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.