ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر

ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ساددام ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مەزكۈر دۆلەتتە دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىش ئىستىكى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماي، بىگۇنا خەلقنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشى نەتىجىسىدە مەتبۇئاتلاردا ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە ھەر خىل مۇلاھىزە ۋە تەھلىللەر يۈرگۈزۈلمەكتە.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يېقىندا ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئىران ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتى، ئىراقتىكى بىر قىسىم سىياسىي رەھبەرلەر تەرىپىدىن، "ئىراق ھاكىميىتىگە مۇداخىلە قىلغانلىق" دەپ قارالماقتا. ئىراق شىيە ئىنقىلاۋىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇل ئەزىز ئەلھەكىمى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان زىددىيەتنىڭ، ئىراققا ئەكس تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر ، بۇ ، ئىراقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىران سىياسىتىدىن بارغانسېرى خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ۋە ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدىدىن ئىبارەت دېيىشمەكتە.

گەرچە ئابدۇل ئەزىز ئەلھەكىمىنىڭ ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئىلگىرى ئىراندا سۈرگۈندە ياشىغان، ئۇنىڭ پرېزىدېنت بۇش بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ، يېقىندا ئۇ ۋاشىنگتوندا بۇش بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ ، بىراق ئەلھەكىمى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىككى نەپەر ئىرانلىقنىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يۈز بەرگەن.

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئابدۇل ئەزىز ئەلھەكىمىنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى نەپەر ئىرانلىقنى ئېلىپ كەتكەن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شۇ چاغدا ئىككى ئىرانلىقنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان .

نۆۋەتتە، ئەلھەكىمى ئىراننىڭ مەيدانى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى خاتا ھەمدە بۇ ئىراقنىڭ ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق دەپ كۆرسەتتى.

ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان بىھۇدە ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟

بۇنىڭدىن سىرت ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقتا قازا قىلغانلار سانى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىگە قاتتىق بېسىم ئېلىپ كەلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قارىتا يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش، دېموكراتلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي، ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ پىلاننى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىمايدىغانلىقىنى، پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېينىيمۇ، پەقەت پرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى بولالايدىغانلىقىنى، ئاق ساراينىڭ بولسا ھەرقانداق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسىنىڭ ئىراق ئىستراتېگىيىسىگە قوماندانلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دىك چېنېي سۆزىدە يەنە": دۈشمەن، ھېچقاچان ئۇرۇش مەيدانىدا مەردانىلىق بىلەن ئامېرىكىنى يېڭەلمەيدۇ، دۈشمەن پەقەت ئامېرىكىلىقنى قانچە كۆپ ئۆلتۈرسەك ئامېرىكا قول كۆتۈرۈپ تەسلىم بولىدۇ دەپ خاتا قىياس قىلدى، ئۇلار ھەرگىز بۇ مەقسىدىگە ئېرىشەلمەيدۇ" دېدى.

ئامېرىكىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا توختىماستىن ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال ئابىزىي، دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمايدۇ، بولۇپمۇ باغداتتا . ئەگەر بۇنىڭ ئالدى ئېلىنمايدىكەن ، ئىراقتا ئىچكىي ئۇرۇش رەسمىي قوزغىلىدۇ"

ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش

ئۇنداقتا 2007 ‏- يىلى ئىراقتا ئىچكىي ئۇرۇش پارتلامدۇ؟ مەتبۇئاتلاردا 2006 ‏- يىلى ئىراقتا ئاللىقاچان ئىچكىي ئۇرۇش پارتلىدى دېگەن تېمىلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2007 ‏- يىلى ئىراق تېخىمۇ چوڭ خېيىم - خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ دېيىلگەن ئىدى. كىشىلەر ئەندىشە قىلغاندەك ھازىر ئىراقتىكى زوراۋانلىق كۈنسېرى كۈچىيىپ، رايوندا ئۈچ تەرەپتە ئىچكىي ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى كۆرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر":پەلەستىندە خاماس بىلەن پرېزىدېنت ئابباسنى قوللايدىغان كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش جىددىيلەشمەكتە، لىۋاننىڭ ۋەزىيىتىمۇ ياخشى ئەمەس، بۇ رايوندىكى كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. شۇڭا ‏2006- يىلى خەلقئارا خەۋەرلەردە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن مۇھىم مەزمۇنلار ، 2007 ‏- يىلىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ " دېيىشمەكتە.

ئامېرىكا ئىراق مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج

ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى مۇنداق دەيدۇ": ئەگەر ئامېرىكا ئىراق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىمىز دەيدىكەن، چوقۇم رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى كېرەك" .

ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئىراقتا ئىچكىي ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىراق ئەسكەرلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، ۋەزىپىسى يوق بىر قىسىم ئارمىيىنى 2008 ‏- يىلىدىن بۇرۇن ئىراقتىن يۆتكەپ كېتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى ياخشىلايدىغان ئەقەللى ئۆلچەملەرنى بېكىتىشى، ئەگەر بۇ خىزمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرالمىغاندا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىشى كېرەكلىكى شۇنىڭدەك ئىران ۋە سۈرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراقنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بىر قاتار لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (ئەقىدە)