ئىراق يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسى كىچىكتۈرۈلدى


2005.08.23

ئىراق رەھبەرلىرى ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى دۈشەنبە كۈنى ئىراق پارلامېنتىغا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار، تېخى بىرتەرەپ بولمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساسى قانۇن لايىھىسىنىڭ تولۇق تېكىستىنى پارلامېنتقا سۇنۇشنى ئۈچ كۈن كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىرچە پارلامېنتقا ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ تولۇق بولمىغان بىر تېكىستى سۇنۇلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بىرى، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى بەلگۈلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇشى ئۈچۈن ئىراق رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتاتتى.

سۈننىيلەر ۋەكىللىرى قاتتىق تۇرماقتا

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقتىكى ئىككى چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپا بولغان شىيەلەر ۋە كۈردلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى يۇمشىتىپ، ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ پۈتۈن ماددىلىرى ئۈستىدە كېلىشكەن.

لېكىن، ئىراقتىكى يەنە مۇھىم بىر ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپا ھېسابلانغان ۋە ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئىراقتا نۇرغۇن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان سۇننىيلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ماددىلىرىغا قارشى چىقماقتا.

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبراھىم جەفەرى سەيشەنبە كۈنى باغدادتا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەكىللەرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ پۈتۈن ماددىلىرى ئۈستىدە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئىراقتىكى سۇننىيلەرنىڭ ۋەكىللىرى تېخى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر ئاساسىي قانۇن لايىھىسى مەۋجۇت شەكلى بىلەن پارلامېنتقا سۇنۇلسا، ئىراقتا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ۋە ئىراقنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دېيىشمەستە.

سۈننىيلەرنىڭ بۇرۇنقى ئورنى

ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش كومىتىئېتىنىڭ سۇننىي ئەزاسى سالىھ ئەلموتلاق، ئىراقتىكى سۇننىيلەرنىڭ 99 پىرسەنتى يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە قارشى، دېدى.

ئىراقتىكى سۇننىيلەر ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ئىراقتىكى ئەڭ ئىمتىيازلىق ئېتنىك ۋە دىنىي تەبىقە ئىدى. گەرچە ئۇلار سان جەھەتتىن ئىراق نوپۇسىنىڭ پەقەت 17 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن ئىراقتىكى ھۆكۈمران سىنىپ ھېسابلىناتتى. ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قارشى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى سۇننىيلەر جەمئىيەتتىكى ئۈستۈن ئورنىنى يوقاتتى. بۈگۈن ئامېرىكا قىسىملىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى ئىراقتىكى سۇننىيلەر تەشكىللەيدۇ.

سۈننىيلەر – ئىراق مۇقىملىقىدىكى ئاساسىي ئامىل

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن سۇننىيلەرنىڭ ئىراقنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا قاتنىشىشىنى تەرغىب قىلماقتا ھەمدە سۇننىيلەرنىڭ تەلەپلىرىنى دىققەتكە ئېلىشى ئۈچۈن ئىراقتىكى شىيە ۋە كۈرد رەھبەرلەرگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. چۈنكى سۇننىيلەرگە ئىراقتىكى ھاكىمىيەتتە ئورۇن بەرمەي تۇرۇپ، ئىراقتا مۇقىملىقنى تىكلەش مۇمكىن ئەمەس. ئىراقتا مۇقىملىق تىكلەنمەي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسملىرىنى ئىراقتىن چىكىندۈرۈشى مۇمكىن بولمايدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراقتىكى سۇننىيلەر يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىدىكى فېدېرالىسم قاتارلىق ماددىلارغا قەتئىي قارشى ئىكەن. ئەگەر ئىراقتا فېدېرال بىر ھاكىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلسا، سۇننىيلەر ئىراقنىڭ نېفىت كىرىمىدىن مەھرۇم قالىدىكەن. چۈنكى ئىراقنىڭ نېفىت زاپاسلىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا بولۇپ، بۇ رايونلار ئاساسلىقى شىيەلەر ۋە كۈردلەرنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.

ئەمما، نۇرغۇنلىغان ئانالىزچىلار، ئىراقتىكى سۇننىيلەرنىڭ رىئاللىققا تەن بېرىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمدى سۈننىيلەرنىڭ ئىراقتىكى ھاكىمىيەتتە بۇرۇنقىدەك چوڭ رول ئوينىشى، ئىراق نوپۇسىنىڭ 60٪ دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان شىيەلەر ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس. گەرچە كۆردلەر، سۇننىي مەزھىبىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئىراقتىكى سۇننىيلەرنىڭ، ساددام ھۆسەيىن ھاكىمىيىتى دەۋرىدە كۈردلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق قول سىياسەت تۈپەيلىدىن، كۈردلەر بىلەن بىرلىشىپ شىيەلەرگە قارشى تۇرۇشى ئىمكانسىز. شۇڭا ئۇلار، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يېڭى دېموكراتىك ئىراقتا ئۆزلىرىگە لايىق بىر ئورۇننى ئىگىلەش ئۈچۈنلا تىرىشىشى كېرەك. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.