
تېرورلۇق ھۇجۇمنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئىراقتىكى تارىخىي سايلام ئاخىرلاشتى. ئىراق مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە 14 مىليون سايلىغۇچىنىڭ يۈزدە 60 ٪ دىن كۆپرەكى بېلەت تاشلىغان. سايلامنى نازارەت قىلغۇچىلار، سايلامنىڭ "مۇۋاپىقىيەتلىك" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئوتتۇرا شەرقتە ياڭرىغان ئەركىنلىك ساداسى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ئىراقلىقلارنى تەبرىكلىدى. ئۇ، ئىراق خەلقىنىڭ ئۈز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، ئەركىنلىك يولىدا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراقتىكى سايلامنىڭ زور نەتىجە قازانغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت مۇنداق دەيدۇ:
"بۈگۈن ئىراق خەلقى پۈتۈن دۇنياغا شۇنى جاكارلىدى، پۈتۈن دۇنيا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەركىزىدە ياڭرىغان ئەركىنلىك ساداسىنى ئاڭلىدى". ئىراقلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەركىن دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا پرېئىزدېنتى، ئەمدىكى ۋەزىپە يېڭى ئاساسى قانۇن تۈزۈش شۇنداقلا شۇ ئاساس بويىچە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ " تارىخىي خاراكتېرلىك سايلامنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسى قانۇن تۈزۈش ۋە تەستىقلاش مۇساپىسى باشلاندى. بۇ ئاساسى قانۇن دېموكراتىك ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇل تېشى بولۇپ قالىدۇ،" دەپ تەكىتلىدى.
تەررور كۆلەڭگۈسى ئاستىدىكى سايلام
بىراق يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلام تېررورلۇق ھۇجۇملارنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى باغدات شەھىرىدە 9 قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە 25 ئادەم ئۆلگەن. ئىراقتىكى ئامېرىكا قارشى پىدائىلارنىڭ رەھبىرى زارقاۋى، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكالىغان. ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندۇلىزا رايىس، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق نىشانى ئىراق قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئىراق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئىراقنىڭ 18 ئاي ئىچىدە چەتئەل قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجى قايمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
سايلامغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلار

خەۋەرلەردە ئاشكارىلىشىچە، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى سۇنئىي مۇسۇلمانلار رايونىغا قارىغاندا جەنۇبتىكى شىئەلەر شۇنداقلا شىمالدىكى كۈردلەر رايونىدا پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلاش جەھەتتىكى نىسبەت پەرقى ئىنتايىن چوڭ. جەنۇبتىكى شىئەلەر رايونى بىلەن شىمالدىكى كۈردلەر رايونىدا پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت تاشلىغان. بىراق ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى سۈنئىيلەر رايونىدا سايلامغا قاتناشقانلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ھەتتا بەزى جايلاردىكى سايلام پونكىتلىرى تاقىلىپ قالغان.
سايلامغا قاتنىشىشتىكى ئوخشاش بولمىغان ئارزۇلار
تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شىئەلەر بىلەن كۈردلەرنىڭ سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
"كۈردلەر بۇرۇن ئىراق باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا قالغان. ھازىر مۇشۇنداق بىر سايلامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىگە كىرىشكە تېرىشىۋاتىدۇ. كېلىچەكتە مۇستەقىل كۈردىستان قۇرىمەن دېسىمۇ، مەركىزى سىستېمدا كۈچلۈك بولىشى كېرەك. شىئەلەر ئۆزىنىڭ سانىنىگ كۆپلۈكى بىلەن، سايلام ئارقىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ".
سۈنئىيلەر ئىراق ئومۇمى نۇپۇسىنىڭ 20 - 30 ٪ نى ئىگىلەيدۇ. ئامما سۈنئىيلەر يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى ئىراقنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئىدى. سايلامدىن ئىلگىرى ئىراقتىكى بەزى سۈنئىي پارتىيىلەر، سايلامنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئىيىلەر سايلامدا ھوقۇقنىڭ شىئەلەر بىلەن كۈردلەرگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ئاللاۋىنىڭ ۋەدىسى
بىراق ئىراق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئىياد ئالاۋى دۈشەنبە كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، سۈنئىيلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى بارلىق گۇرۇھلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
ئىراق سايلام كومىتېتىتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، سايلامدا 8 مىليون كىشى بېلەت تاشلىغان بولۇشى مۈمكىن. بۇ بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە 14 مىليون ئىراقلىقنىڭ 60 ٪ نى ئىگىللەيدىكەن. ئىراقتىكى سايلام ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، سايلامنى " توغرا يۆلۈنۈشكە قاراپ بېسىلغان بىر قەدەم،" دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى سايلامنىڭ " ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىراققا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشى" نى ئۈمىد قىلدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى چىققان ئىدى.(ئەركىن)