ئىراقتا پارلامېنت سايلىمى جەريانىدا ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان ئىراقلىقلار قىزغىن ئاۋاز بەردى


2005.02.02

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى رىچارت فىننىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن ئىراقتا سادام ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، يېقىندا ئىراقتا تۇنجى قېتىم پارلامېنت سايلىمى باشلانغان ئىدى.

سايلام بېلىتى تاشلاشتىكى قىزغىنلىق

چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان ئىراقلىقلارمۇ بۇ سايلام ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلىدى. خەلقئارالىق كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى جېرمى كوپىلاند ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراقتا سايلام داۋاملىشىۋاتقاندا، چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان ئىراقلىقلاردىن 280 مىڭ ئادەم بېلەت تاشلىغان. ئامېرىكا دائىرىسىدىلا 5 جايدا سايلام پونكىتى قۇرۇلغان. ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە يېقىن جايدىكى يېڭى كارولتون شەھەرچىسىدە قۇرۇلغان سايلام پونكىتى شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پونكىتتا بېلەت تاشلاش ئۇدا ئىككى كۈن داۋام قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارالىق كۆچمەنلەر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى كوپىلەند ئەپەندى "مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھاۋا رايى جەھەتتە چوڭ قولايسىزلىق يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما سايلام ناھايىتى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتى. ھېچقانداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىدى. بەلكى ھاياجانلىق ئەۋجىگە چىقتى، بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇردى" دېگەن. كوپىلەند ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 85 مىڭ ئىراقلىق بېلەت تاشلىغان. ئامېرىكىدا 5600 ئىراقلىق بېلەت تاشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى كارولتىن شەھەرچىسىدىكى سايلام پونكىتىدىلا بېلەت تاشلىغان ئادەم سانى 500 دىن ئاشقان. بېلەت تاشلىغۇچىلار بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىسى چىقىدىغان كۈننى "ئىراقنىڭ قايتىدىن دۇنياغا كېلىدىغان كۈنى" دەپ ئاتىغان.

"ئىراققا ئەركىنلىكنىڭ ئۇرۇقى چېچىلدى"

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بېلەت تاشلاش ئۈچۈن يىراق جايدىن 5 سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېڭى كارولتوندىكى سايلام پونكىتىغا كەلگەن ئالدۇلھۈسەيىن ئەزىز ئەپەندى "بىر نامزاتقا ئاۋاز بەرگەندىن يۈز نامزاتنىڭ ئىچىدن تاللاپ ئاۋاز بەرگەن ياخشى، بۇ گەپنى بىركىم سادام ھۈسەيىنگە يەتكۈزۈپ قويسىكەن دەيمەن. بۇرۇن بىز بىر نامزاتقىلا ئاۋاز بېرىشكە مەجبۇرلانغان، ھازىر بىز 100 نامزاتنىڭ ئىچىدىن ئۆزىمىز تاللاپ ئاۋاز بېرىۋاتىمىز. بۇ سايلام بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىش. ھازىر بۇ سايلام بىلەن ئىراققا ئەركىنلىكنىڭ ئۇرۇغى چېچىلدى" دېگەن.

ئابدۇلھۈسەين ئەزىز ئەپەندى يەنە " بۇ سايلام چوقۇم نەتىجىلىك بولىدۇ، بۇ نەتىجە بىلەن بىرلەشمە قوشۇنلارنىڭ ئىراقتىن بالدۇرراق چىقىپ كېتىشىگە شارائىت يارىلىدۇ. ھېچكىم ئىراقنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى ياكى ئىشغال قىلىشنى ياكى ئىراقتا تۇرىۋېلىشنى خالىمايدۇ" دېگەن.

ئاۋاز بېرىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خاتام موكىف ئەل-جابارى خانىم "ئامېرىكا قۇشۇنلىرى ھازىر ئىراقتىن چىقىپ كەتمەي تۇرىۋەرسۇن. ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇلار ئىراقتا تۇرۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە چىقىپ كېتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت سايلىنىپ خىزمەت قىلىشقا باشلاپ، ھەممە ئىش يولغا چۈشۈپ بولغىچە ئۇلار ئىراقتىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئىراقتا دېكتاتورلۇق ۋە بېسىم 35 يىل داۋام قىلدى، ئۇ بىر كېچىدىلا تىنچ بولۇپ كەتمەيدۇ، بىز بۇنى ئوبدان بىلىمىز." دېگەن.

خاتام موكىف ئەل-جابارى خانىم يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ "ئەگەر مەن ئىراقتا بولسام، تېررورچىلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۆزەملا ئەمەس پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنى باشلاپ سايلام پونكىتلىرىغا بېرىپ بېلەت تاشلايتتىم. ئاۋاز بېرىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز. دۆلەتنىڭ ھەر - بىر پۇخراسى بۇ دېمۇكراتىيىدىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق ئادەم ، ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ ياكى كۇچىغا چىقسىمۇ، مەيلى قايەردە بولمىسۇن، ئەجەل كەلسە ئۆلىدۇ. ھەر بىر ئىراقلىق ئۆزىنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ بۇرچى ئۆز دۆلىتىنى يېڭى ھاياتى كۇچقا ئېگە قىلىشتىن ئىبارەت " دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئىراقتا رەسمى ھۆكۈمەت سايلىنىپ چىققۇچە "ئۆتكۈنچى" ھوقۇقلۇق ئورگانلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان 275 كىشىلىك دۆلەت پارلامىنتى سايلاپ چىقىلىدىكەن. بۇ پارلامېنت بىر پرېزىدېنت ۋە ئىككى مۇئاۋىن پرېزىدېنت سايلاپ چىقىدىكەن. بۇ پارلامېنت يەنە 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىراقنىڭ ئاساسى قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ ، 10 - ئايدا پۈتۈن خەلق ئاۋاز قۇيۇپ تەستىقلايدىغان مېمۇراندۇمغا تەييارلىق قىلىدىكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.