ئىراق ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپتىن 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يېنىك تىپتىكى ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىپ ئۆز ساقچى قىسىملىرىنى قوراللاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ، ئىراق پرېزىدېنتى جالال تالىبانىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ھەر بەش نەپەر ئىراق ساقچىسىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر نەپىرىگىلا قورال بېرىلگەن بولۇپ قالغان تۆت نەپىرىگە قورال يەتمەيدىكەن.
تالىبانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قورال ياساش سودىگەرلىرى ئىراق تەرەپنىڭ قورال-ياراققا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېتەلمىگەن بولغاچقا ، ئىراق خىتايدىن يېنىك تىپتىكى ھەربىي ياراقلارنى سېتىۋېلىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە نام -شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئاقساراي خادىمى، ئىراقنى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەشتە ھەرخىل مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: " بىزنىڭ زاۋۇتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىسىملىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ . شۇڭا بىزمۇ ئۇلارنىڭ(ئىراقنىڭ) تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىدۇق" دېگەن.
روبېرت گېيتس: "ئامېرىكا ئىراققا ۋەدە قىلغان قورال-ياراقلارنى دەرھال يەتكۈزۈشى كېرەك"
ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسى باياناتچىسى ئىراقنىڭ خىتايدىن قورال سېتىۋېلىشى ھەققىدىكى خەۋەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان پەقەت بىردىن-بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى، ئىراقنى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ۋېنگرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتتى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 5- ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋەردە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، روبېرت گېيتس پەيشەنبە كۈنى، ئىراق پرېزىدېنتى تالىبانى خىتايدىن 100 مىليون دولار قىممىتىدىكى يېنىك تىپتىكى قوراللارنى سېتىۋېلىشنى زاكاز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ۋەدە قىلغان قورال-ياراقلارنى دەرھال يەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراققا يەنە 2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراق ساتىدۇ
گېيتس مۇخبىرلارغا ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ قورال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا تىز ئىنكاس قايتۇرۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: " بىز دوستلىرىمىزنىڭ تەلىپىگە تىز ئىنكاس قايتۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز " دېدى.
گېيتس ئىراق خىتايدىن 100 مىليون دوللارلىق قورال زاكاز قىلغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ ئىراقنىڭ تىنچلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئاللىبۇرۇن 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قوراللارنى يەتكۈزۈپ بولغانلىقىنى يەنە 2 مىليارتتىن 3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراقلارنىڭ ئىراققا يەتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا ئاممىۋى رادىئو قانىلىدا يېڭى ئامېرىكا ھەربىي قوراللار بىخەتەرلىكى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋىليام خارتوڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىراق ھۆكۈمىتى دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتا نۇرغۇن پۇلغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قوراللارنى ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىشتا نېفىت ئېكسپورتىدىن كىرگەن كىرىمدىن ئىشلىتىدىكەن.
ئىراقنىڭ خىتايدىن نۇرغۇن قوراللارنى سېتىۋېلىشى مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا
گەرچە گېيتس ئىراقنىڭ خىتايدىن AK- 47 تىپلىق ئاپتوماتلارنى سېتىۋېلىشىغا قارىتا ھېچقانداق ئەندىشىدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىراقنىڭ خىتايدىن نۇرغۇن يېنىك تىپتىكى قوراللارنى سېتىۋېلىشى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقا دۆلەتلەر ئىراققا سېتىپ بەرگەن قوراللار، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ياكى ساقچى قىسىملىرىنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى ئىراقتا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى بىر خەتەرلىك ئەھۋال ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو قانىلىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا ئامېرىكا ئىراققا سېتىپ بەرگەن نۇرغۇنلىغان يېنىك تىپتىكى ئاپتومات ۋە تاپانچىلارنىڭ دېرىكى بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قورال - ياراق سېتىپ بېرىش ئىشلىرى ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە
بۇ ھەقتە تەھلىل ئېلىپ بارغان يېڭى ئامېرىكا ھەربىي قوراللار بىخەتەرلىكى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋىليام خارتوڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئىراققا سېتىپ بەرگەن قوراللارنىڭ ئىچىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتومات ۋە تاپانچىلار يوقاپ كەتكەن بولۇپ ، باشقا قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە ، بۇ قوراللارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كورد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
نەتىجىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قورال - ياراق سېتىپ بېرىشى ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراققا مەخسۇس قورال-ياراق سودىسىدىكى ساختىلىق ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن ئىدى.
روبېرت گېيتسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئىراق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان قورال - ياراق سودىسىدىكى سۆھبەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، باغداد شەھىرىگە بىر ئالاھىدە ئىشخانا ئاچقان. (جۈمە)