خىتاي ماللىرى ئىراق يەرلىك ماللىرىنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ماللىرى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغاندەك، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېيىلىپ ياتماقتا. ئىراققا ئوخشىغان قول سانائەت ۋە ھۈنەر ئىشلىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى بۇرۇندىن ئۆگىنىپ كەلگەن بىر دۆلەتتىمۇ خىتاي ماللىرى بازار تېپىپ، يەرلىك ماللارنىڭ بازارلىرى كاساتلىققا يۈز تۇتقانلىقى سەۋەبلىك ئىراقلىق قول سانائەتچىلەر، فابرىكاتورلار ۋە ھۈنەرۋەنلەر بۇ ئېقىمغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاي ماللىرى ئىراق بازارلىرىنى قاماللىۋالدى

ئىراق تېلېۋىزىيىسى بۇيىل 20- فېۋرال كۈنى ئىراقلىق يازغۇچى ئىقتىسادشۇناس ھىشام كۇردى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى تارقاتقان بولۇپ، ھىشام كۇردى خىتاي ماللىرىنىڭ ئىراقنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى خەلق بازارلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ۋە خەلقنىڭ ئەرزانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي يەرلىك ماللىرىدىن يۈز ئۆرۈپ خىتاينىڭ سۈپەتسىز، ئەمما ئەرزان ماللىرىغا يۈزلىنىشى نەتىجىسىدە، ئىراقلىق ھۈنەرۋەنلەر، سودا - سانائەتچىلەرنىڭ بازارلىرى كاساتلىشىپ بارغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئىراقتا ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىراق بازارلىرى چەتئەل ماللىرىغا پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كەتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، خۇسۇسەن خىتايدىن كەلگەن ماللار ئىراقنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ۋىلايەت، ھەتتا يېزىلىرىغىچە يېتىپ باردى. بۇ ماللار ئىچىدىن خىتايدىن كېلىدىغانلىرىنىڭ نەرقى پەۋقۇلئاددە ئەرزان بولغانلىقتىن، پېقىرلار تەبىقىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام خەلق پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى خىتاينىڭ ئەرزان ۋە سۈپەتسىز ماللىرى ئارقىلىق تەمىن ئېتىدىغان بولۇپ، يەرلىك ماللاردىن يۈز ئۆرۈش دەرىجىسىگە يېتىپ قالدى. چۈنكى خىتايدىن كېلىدىغان سۈپەتسىز ماللار ئىراقتا ئىشلەنگەن يەرلىك ماللارنىڭ باھاسىدىن ئۈچ ياكى تۆت ھەسسە ئەرزان ئىدى."

ئىراق سودا - سانائەت مېنىستىرلىكىمۇ چارىسىز قالدى

ھىشام كۇردى يەنە مۇنداق دېدى:"ئىراق سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى ئىراقنىڭ يەرلىك ماللىرىنىڭ بازىرى كاساتلاشقانلىق سەۋەبتىن سانائەت ۋە ھۈنەر ئىگىلىرىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ قەرزلەرگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان ماللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا چارىسىز قالغان. چۈنكى خىتاي ماللىرىنى ئىراق بازارلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغانلار كىچىك تىجارەتچىلەر بىلەن قاچاق شىركەتلەر بولغانلىقتىن، ئۇلارنى كونترول قىلىش ئىشى ئاسانغا چۈشمىگەن ۋە ئاخىرىدا:" ئىراقتىكى خىتاي ماللىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن" دېگەن قانائەتكە كەلدى. چۈنكى ھازىرقى ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق دەۋرىدە بازار ئىشلىرىنى تولۇق كونترول ئاستىغا ئېلىش ئىشىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

خىتاي ماللىرىدىن ئىراقلىقلارنىڭ ھەممىسى زارلانماقتا

ھىشام كۇردى يەنە مۇنداق دىدى:" ئىراقلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ماللىرىدىن زارلانماقتا. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ سۈپەتسىز ۋە ئۆلچەمسىز ماللارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئىراقتىكى يەرلىك سانائەت ۋە ھۈنەر ئىگىلىرى بازارلىرىنىڭ كاساتلىققا يۈز تۇتقانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ماللىرىنى كۆرمەيدۇ. ئىستېمالچىلار خىتاي ماللىرىنى ئەرزان دەپ ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلمىغانلىقى ۋە ئۇزۇنغا قالماي، ھەتتا بەزىلىرى ئۆيگە ئەكىلىپ بولغىچە بۇزۇلۇپ بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ماللىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەمدى ئۇنداقتا ئىراقلىقلار نېمە ئۈچۈن خىتاي ماللىرىغا يۈزلىنىپ كېتىدۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: ھەممىگە مەلۇمكى، ئىراق خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەر تەرەپتىن ناچار بولىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ناچار. بۇ سەۋەبتىن خەلق نەرقى ئەرزان نەرسىگە قىزىقىش نەتىجىسىدە بۇنداق ناچار ماللارنى چارىسىزلىقتىن تاللايدۇ. ئاندىن ئارقىدىن پۇشايمان قىلىشىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىراق خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا شۇنداق تەكرارلىنىپ تۇرماقتا." (ئۆمەرجان)