يوپۇرغا "ئىشەكلەر يۇرتى" ؟


2005.05.10

خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋىرىدە 2003 - يىلىدىن باشلاپ شەندۇڭ يۈنچىڭ خۇڭۋېي گوروھى يوپۇرغا ناھىيىسىدە مەخسۇس ئىشەك گۆشى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، ھەر يىلى 120 توننىدىن ئارتۇق ئىشەك گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئىشەك گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىشەك باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يوپۇرغا ناھىيىسى مەخسۇس باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ناھىيىدىكى دېھقانلارنىمۇ ئىشەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يىتەكلەۋاتقان بولۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكوم بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، باقمىچىلىق تېخنىكا ياردىمى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان.

ئىسلام دىنىغا ئىشىنىپ كېلىۋاتقان ۋە ئىشەك گۆشىنى ئەزەلدىن ھارام دەپ قاراپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ ئىشەك گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ ئىشەك بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.