يوپۇرغا "ئېشەك يۇرتى" قىلىنغاندىن كېيىنكى پاراڭلار (1)


2007.02.27

eshek-200.jpg
2006 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەردە كىشىلەر ئېشەك ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ ماڭماقتا. ئېشەك ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى قاتناش ۋە يېزا ئىگىلىك قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ گۆشى ۋە سۈتىنى ئەزەلدىن ھارام دەپ قاراپ كەلمەكتە. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىم ۋە دىنىي قاراشلىرىنىڭ سۇسلىشىشى، ئۇلارنى ئېشەك سۈتىنى سېغىشقا مەجبۇرلىماقتا. AFP

ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدا مۇھىم ئەمگەك ھەمدە قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئۇيغۇرلار ھېچقاچان ئىستىمال قىلىدىغان ئۆي ھايۋانلىرى قاتارىدا سانىمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام دىنىدا ئېشەك گۆشى ھەم ئېشەكنى ئىستىمال قىلىش ھارام ھېساپلانغاچقا، ئۇيغۇرلاردىمۇ " ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال" دېگەندەك تەمسىللەر بار. ئەمما، نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئېشەك گۆشى ھەمدە ئېشەك سۈتى فېرمىلىرى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىدەك غەيرى ئەھۋاللار مەۋجۇت.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى رادىئومىزدا خەۋەر بېرىلگىنىدەك، 2005 - يىلى مايدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرتلاردىن بولغان قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىنى خىتايدىكى ئاساسلىق ئېشەك گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ يوپۇرغىغا " ئېشەك يۇرتى " نامىنى بەرگەن ئىدى.

دەسلەپ يوپۇرغىدا قۇرۇلغان ئېشەك فېرمىلىرىدا 40 مىڭ تۇياق يوپۇرغا يەرلىك نەسىللىك ئېشىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 مىڭ ئېشەك بېقىلغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، يوپۇرغىدا قۇرۇلغان ئېشەك فېرمىسى خىتاي ئۆلكىلىرىنى يىلىغا 120 توننا ئېشەك گۆشى بىلەن تەمىنلەشنى ھۆددىگە ئالغان ئىكەن.

يوپۇرغىدا ئېشەك گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە، بۇ جايدا ئېشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان. بۇ يۇرت ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقانلارغا مەزكۇر ئېشەك گۆشى ھەمدە ئېشەك سۈتى زاۋۇتلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشتەك ۋەزىپىلەر ئارتىلغان. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئېغىر كۆرىدىغان، مىللىي ھەم دىنىي ئۆرپ ئادەتلىرىگە يات ئىشلارغا مەجبۇرلانغان. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن يوپۇرغىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا دېھقانلارنىڭ بۇ ھەقتە ھەقىقەتەن پىكرىنىڭ كۈچلۈكلىكى مەلۇم بولدى.

يەنە بىر قانچە دېھقاننى زىيارەت قىلغان ئىدۇق، ئوخشاش ئىنكاسلارغا ئىگە بولدۇق. دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر ياش كادىر يوپۇرغىنىڭ ئېشەك يۇرتى قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېشەك بازىسى قۇرۇشقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن مەخسۇس قول قويغان بولۇپ، بۇ ئاساسەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ ئېشەك يېلىمى زاۋۇتىغا خام ئەشيا يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋاڭ لىچۇئەننىڭ يۇرتى، ئېشەك گۆشى شەندۇڭلۇقلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى ئىكەن. ئەتىكى پروگراممىمىزدا، يوپۇرغىنىڭ ئېشەك گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتمەكچىمىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.