يوپۇرغا "ئېشەك يۇرتى" قىلىنغاندىن كېيىنكى پاراڭلار (2)


2007.02.28

eshek-200.jpg
2006 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەردە كىشىلەر ئېشەك ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ ماڭماقتا. CCTC نىڭ خەۋەر بېرىشىچە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشەكنىڭ سانى بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىلا، ئېشەكنىڭ باھاسى ئون مىڭ يۈئەن ئاتراپىدا ئۆرلىگەن. يوپۇرغا ئېشىكىنىڭ باھاسى 10000 يۈئەندىن يۈز مىڭ يۈئەنگىچە بارىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يوپۇرغا ناھىيىسىدە يەنى ئېشەكنى ھارام دەپ بىلىدىغان مۇسۇلمانلار يۇرتىدا ئېشەك مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ بۇ جاينى ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ھەمدە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ياد بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتىنى ئەزىزلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ماكانىغا، ئۇيغۇرلاردا دۆتلۈك ئەخمىقانىلىقنىڭ سىموۋلى بولغان ئېشەك نامىنىڭ بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا زەربە بەرمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئېشەك يۇرتىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن يەرلىك خەلقنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈشىگە ئالاھىدە پايدىلىق بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. ئەمما مەلۇمات بەرگىنىمىزدەك، ئېشەك فېرمىسى، ئېشەك گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئېشەك سۈتى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئېشەك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن پەقەت شەندۇڭلۇق خىتايلارنىلا باي قىلىۋاتقان بولسا ئەكسىچە يەرلىك خەلق ، ئېشەك بازىسىدىكى ئېشكلەرگە يەم خەشەك تەييارلاش،ئۆزىنىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان ئېشەكلىرىنىڭ سۈتىنى سېغىپ تاپشۇرۇشقا ئوخشاش ئالۋاڭلارغا مەجبۇرلانماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوپۇرغىنى ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇشى يەرلىك خەلققە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماي ھەتتا ھەر تەرەپلىمە زىيان سېلىپ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانىكەن ئۇنداقتا خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ يۇرتنى ئېشەك بازىسىغا ئويلاندۇرۇشنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە.

بىز بۇ ھەقتە يوپۇرغىدا ئېشەك بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكومدىن جاۋاب ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ئەمما بۇ ئورۇننىڭ كادىرلىرى بۇ مەخپى ئورگان بىز سېنىڭ سوئاللىرىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمىز دەپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

گەرچە خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېشەك بازىسى قۇرۇلۇشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈلۈۋاتقان نەتىجىلەردىن ئەمەلىيەت ئاشكارلىنىپ تۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېشەك بازىسى قۇرۇش پىلانى -2000يىلىلا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لىچۇەن ئۆز قولى بىلەن تەستىق سالغان تۈر بولۇپ، مەخسۇس شەندۇڭ ئۆلكىسىنى بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋاڭ لىچۇەننىڭ يۇرتى بولۇپ ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ۋەزىپىگە قويۇلغاندىن بۇيان شەندۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ھەمكارلىق بولۇپمۇ بايلىق ئېچىش ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەپ كەلمەكتە.

شەندۇڭ بىلەن ئېشەكنىڭ مۇناسىۋىتى

يوپۇرغىدا ئېشەك بازىسى ھەمدە ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش زاۋۇتلىرىدىن باشقا يەنە ھەر خىل يەرلىك مەھسۇلات گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە خېرىدار چاقىرىش شېركەتلىرىمۇ قۇرۇلغان بولۇپ مەزكۇر شېركەتمۇ شەندوڭلۇقلارنىڭ قولىدا ئىكەن:

- ياخشىمۇ سىز بۇ گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەبلەغ چاقىرىش شېركىتىمۇ ؟ سىلەرنىڭ زاۋۇتىڭلارمۇ بارمۇ؟ ‏- بىز پەقەت بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا خېرىدار چاقىرىمىز. ‏- ئۇنداقتا سىلە مەبلەغ چاقىرىدىغان مەھسۇلاتلار ئاساسەن يەرلىك مەھسۇلاتلارمۇ؟ ‏- شۇنداق بۇ جايدا تۈرلۈك گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول. ‏- قوي كالا چوشقا ئېشەكمۇ بارمۇ؟ ‏- ھە قوي بەك جىق. ئېشەكمۇ ناھايىتى كۆپ. ‏- ئۇنى يەرلىك ئۇيغۇرلار يېتىشتۈرگەنمۇ ؟ ‏- ياق ئۇيغۇرلار باقمىغان خىتايلار باقىدۇ.

يوپۇرغىدا ئېشەككە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ ھەممىسى شەندۇڭلۇقلار قولىدا ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە ئېشەك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئاساسەن شەندوڭنى تەمىنلىمەكتە. بولۇپمۇ ئېشەك تېرىلىرى مەخسۇس پىلان بويىچە شەندوڭغا ماڭغۇزىلىدىكەن. مانا بۇ يوپۇرغىنىڭ ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېشەك يېلىمى ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى بولغان دوڭئې ئېجاۋ زاۋۇتى دەل شەندۇڭ ئۆلكىسىدە.-2000يىلى -12ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى -1 قانىلىدا كۆرسىتىلگەن " شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىشقا قوشقان تۆھپىسى ناملىق ھۆججەتلىك تەشۋىقات فىلىمىدە شەندۇڭ ئېجاۋ زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسلىق خام ئەشيا بازىسى قىلغانلىقى بۇنىڭدا يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن ئىلىدا مەخسۇس ئېشەك يېتىشتۈرۈش فېرمىلىرىنى قۇرۇپ يەرلىك خەقنىڭ ئىتىسادىي كىرىم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىشمۇ؟ ۋاڭ لىچۇەننىڭ يۇرتداشلىرىنىمۇ؟

ئەمەلىيەتتە بولسا، دوڭئې ئېجاۋ زاۋۇتىنىڭ تور بېتىدە، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى باسقۇچلار ھەمدە خام ئەشيا يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى قانداق ھەل قىلغانلىقى ھەققىدىكى قۇرلاردا بولسا " ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كىشىلەرنىڭ ئېشەك گۆشى ھەمدە ئېشەك تېرىسىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ -1998 يىللىرىدا ئېشەك پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالدى. باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا خام ئەشيا يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقتى. ئەمما غەربىي رايونغا جايلاشقان شىنجاڭدا بولسا ئۇيغۇرلار ئېشەكنى قاتناش قورالى قىلىپ ئىشلەتكىنى بىلەن ئۇنى يىمىگەچكە، بۇ جايدا ئېشەك بايلىقى ئىنتايىن مول بىز دەل مۇشۇ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئىلى ھەمدە يوپۇرغىدا ئىككى ئېشەك بازىسىنى قۇرۇپ، خام ئەشيا مەنبەسى مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بولدى. ئېشەك تېرىسى زاۋۇتىمىزنى ئېشەك يېلىمى خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلىسە، شەندوڭدا يەنە ئېشەك گۆشى ھەم ئېشەك سۈتى مەھسۇلاتىنى ئىشلەش زاۋۇت ھەم شېركەتلىرى قۇرۇلۇپ قوشلاپ مەنپەئەتكە ئىگە بولدۇق" دېيىلگەن.

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان ئىككى ئېشەك بازىسى دوڭ ئې ئېجاۋ زاۋۇتىنىڭ بەش چوڭ خام ئەشيا مەنبەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىقلىرى ئىكەن.

دېمەك -2000يىلىدىن بۇرۇنلا يوپۇرغا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئېشەك مەھسۇلاتلىرى خام ئەشيا بازىسىغا ئايلانغان ئىكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ -2006 يىلى -11 ئاينىڭ -27 كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە يوپۇرغىدا قۇرۇلغان ئېشەك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ئىككى يۈزدىن ئارتۇق خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت مىليون يۈەن كىرىم قىلىۋاتقان ئىكەن. بىر كېلو ئېشەك سۈتىنى دېھقانلاردىن 10 يۈەندىن سېتىۋالغان بولسا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى ئېشەك سۈتى پاراشوكنىڭ بىر كېلوسى 570 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.

ئېشەك شەندۇڭلۇق خىتايلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى بولۇپ ئۇلار " يەردىكى ئېشەك گۆشى، ئەرىشتىكى ئەجدىرھانىڭ گۆشىگە باراۋەر"دەيدىكەن. ئېشەك گۆشىنىڭ باھاسى قوي كالا گۆشىنىڭ باھالىرىدىن ئىككى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

يوپۇرغا ئېشىكىگە خىتاينىڭ كۆزى چۈشتى

يوپۇرغا ئېشىكىنىڭ سورتى ئالاھىدە سۈپەتلىك بولۇپ، بويىمۇ باشقا جايلارنىڭ ئېشەكلىرىنىڭ بويىدىن ئالاھىدە ئىگىز.ھازىرقى سورتنى يوپۇرغۇلۇقلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېتىشتۈرگەن. ئۇلار ئېشەكنى پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ھەم دېھقانچىلىق قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ خالاس.ئۇنى ھېچقاچان ئۆلتۈرمەيدۇ يىمەيدۇ.ئۇيغۇرلار يوپۇرغا ئېشىكىنى كۈچلۈك ئىشچان ھايۋان، چىداملىق، يۇۋاش ياردەمچى دەپ تەرىپلىسە، ئەمما ئېشەكنى ئىستىمال قىلىدىغان خىتايلار بولسا يوپۇرغا ئېشىكىگە ئېشەكلەرنىڭ ئىچىدىكى مودېل ئېشەك دەپ نام بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يوپۇرغا ئېشىكىنىڭ گۆشى تاتلىق، تېرىسى سۈپەتلىك، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، سۈتى كۆپ دەپ تەرىپلىشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئېشەك مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بازىغا ئايلانغاندىن بۇيان ئېشەكنىڭ باھاسى ئىككى يىل ئىلگىرى جەريانىدىلا ئون مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئۆرلىگەن. ئېشەك يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ھەم تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ياردەمچى بولۇپ، ئېشەك باھاسىنىڭ بارغانچە ئۆرلىشى دېھقانلارنى ئەندىشىگە قويماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.