ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئىشسىز ياشلار شېنجېنغا ئاپىرىلىدىكەن


2006.11.07

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، نامرات، ئىشسىز ياشلارنى شېنجېندا ئىشلەشكە تىزىملىتىش خىزمىتى باشلانغان ئىكەن. بۇ خىزمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە شەھەر بازارلاردىكى ئارتۇق نامرات ياش ئەمگەك كۈچلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ كىشىلەر شېنجېنغا بېرىپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى قىلىدىكەن، ئايلىق مائاشى 1400 يۈەن ئىكەن. شېنجېنغا بېرىشقا تىزىملىتىدىغان ياشلار چوقۇم 18 – 28 - ياشقىچە بولۇشى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەن. بىز بۇ خەۋەرنى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىگىلىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ تەپسىلى ئەھۋال ئىگىلىدۇق. تېلېفوننى ئالغان كىشى بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى:

- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە شېنجېنغا ياشلارنى ئاپىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان ئىدىم. ھازىرغىچە بۇ ئىشقا ئىلتىماس قىلغانلار بارمۇ؟ -بار. ھازىر ئەھۋال ئىگىلەپ تېلېفون قىلىۋاتقانلار جىق. ھازىرغىچە 10 نەچچە كىشى تىزىملاتتى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ھەر ۋىلايەتكە سان بار. بۇ ئىلتىماس مۇددىتى 11-ئاينىڭ 15-كۇنىگىچە داۋام قىلىدۇ. - ئۇ يەردە ئىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىچكىرىگە بېرىپ ئىش تاپامدۇ ئۇيغۇرلار؟ - بۇ يەردە ئىش يوق دېگەنلىك ئەمەس. بىز پەقەت كەمبەغەل ياشلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمىز.

- ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە تىل بىلمىسە قانداق قىلىسىلەر؟ -تىل ئۆتكىلىدىن چوقۇم ئۆتىشى كېرەك، خىتايچە بىلمىسە ئۇ يەرگە بارالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەتلا ئۇيغۇرلارلار ئەمەس، شەرتى توشسىلا قايسى مىللەتتىن بولسا بولسۇن تىزىملاتسا بولىدۇ. - بۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنىڭ شەرتى نىمە ؟ -سالامەتلىكى ياخشى بولۇشى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىغان بولۇشى كېرەك. نامراتلىقىغا دائىر ئىسپات خېتى بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ ئاساسى مەقسىتىمىز كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىش - 1400 كوي بېرىلىدۇ دەپسىلەر، بۇ شېنجېندا ئاز ئەمەسمۇ؟ - بۇ بىز شىنجىئاڭلىقلارغا نىسبەتەن بۇ يۇقىرى مائاش ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش خىزمەتنى شىنجاڭدا قىلسا بۇنداق مائاشنى ئالغىلى بولمايدۇ. - شىنجىئاڭدىكى ياشلارنى ئىچكىرىگە ئەۋەتكىچە، ئىچكىرىدىن كېلىۋاتقان ئاققۇنلارنىڭ سانىنى ئازايتساڭلارلا بولمىدىمۇ؟ - ياق، بىزنىڭ مەقسىتىمىز كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىش. قولىدا ھۈنىرى يوق، پۇلى يوق ياشلارنى بىز ئىتتىپاق كومىتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىقتىسادىنى ياخشىلىۋالسۇن دەپ قىلىمىز. شىنجاڭدا ئورۇنلاشتۇرايلى دېسەك، بۇ يەردە مائاش بەك توۋەن.

بىز ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ياشقا تېلېفون قىلىپ بۇ خىزمەتكە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ياش بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.