ئىشسىز ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئوي-خىياللىرى

خىتاينىڭ يول قۇرۇلۇشى پىلانى ئەمەتجان ساۋۇت ئائىلىسىنى ئاتا مىراس قورۇ-جاي ۋە باغ-ۋارانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرغان.

0:00 / 0:00

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ساختا توختامى ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا 6 ئاي ھەقسىز ئىشلەشكە ۋە قالدۇق مال-مۈلكىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولغان. خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇنى مىڭ تەستە تاپقان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەنمۇ ۋىدالاشتۇرغان. ئۇ بۇ يىل 41 ياش، ئەمما ئۇ ئىشسىز، جورىسىز ۋە مال-مۈلۈكسىز. نۆۋەتتە بىر كەپە ئۆيدە ياشاۋاتقان ئەمەتجان ساۋۇت بۈگۈنى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ ئەتىسى ئۈچۈن نېمىلەرنى پىلانلاۋاتىدۇ؟

ئاڭلىغىنىڭلار خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا گۈللەنگەنلىكى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ياشنىڭ تەقدىرى؛ بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن سۆزلەشنى، قارشى گەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە پارتلاپ چىققان بىر ئىنكاس. خەۋەر ۋە ئانالىزلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىغا ئوخشىغان نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئاڭلاشقا قىزغىن ئەمەس، ئەكسىچە تەھدىت دەپ قاراپ ئۇجۇقتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئاڭلاشقا ئادەتلىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق چارە تېپىشقا ئۈندىمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، رايوندا رادىكال شەكىلدىكى قارشىلىقلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتمەكتە.