تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئىشسىزلىق ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خىزمەت تاپىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساس ئىگىلىرى ئالاقە مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەتكە كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ساھەسىدىكى كىشىلەر ئىكەن.
مەزكۇر ئالاقە مەركىزىنىڭ بازار باشقارمىسى مەسئۇلى ۋاڭ خوڭشيا مۇخبىرغا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئېھتىياج تولۇق بولۇپ، بۇ رايونلارنىڭ ھازىر ئاسپىرانت ۋە ماگىستىرلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە مانا مۇشۇنداق ئاسپرانت، ماگىستىرلار يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇلارنى ئىچكىرىدىن قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ساڭخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تامامەن كۆپ قىسمى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تېپىپ قالىدىكەن. شۇنداقلا 2002 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا ئىچكىرىدىن بۇ يەرگە ئوقۇشقا كەلگەن 2084 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتماستىن ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تېپىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە كۈچىنىڭ بېرىچە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە قىززىقتۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئىشسىزلىق ئازاۋىنى تارتىۋاتقانلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى 50 ،-60 يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتايلارنىڭ بالىلىرىمۇ ھازىر خىزمەت تېپىشى تەس بولۇشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇنداق نۇقتىلىق ھالدا باشقا ئۆلكىلەردىكى خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە ئۈندەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تېپىش نىسبىتى 53% كە يەتكەن بولسا، بۇ يىل بۇ نىسبەت تېخىمۇ تېز ئېشىپ 70% كە ئۆرلىگەن. سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ۋەزىيەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ياخشى ئاقىۋەت ھاسىل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساس ئىگىلىرى ئالاقە مەركىزىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بار بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ 5% ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما بۇ سان ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە كېلىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. (پەردە)