خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانسېرى تەسلەشمەكتە
2006.01.12
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان خىتايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىپ، 2000- يىلىدىكى 1.7 مىليوندىن 2005- يىلىدىكى 3 مىليون 380 مىڭغا يەتكەن. شۇنىڭدەك بۇ يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پەرق كۆپ ئەمەس
ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتايدا ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ كىرىمىدىن چوڭ پەرقلەنمەيدىكەن. مەسىلەن، شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىنىڭ ئايلىق كىرىمى 800 يۈئەن ئىكەن، ئەمما غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى شاڭخەيدە ئېيىغا 1000 سوم ئايلىق بېرىدىغان خىزمەت تاپالىسا خۇشال بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەسكە توختايدۇ؟ بۇ ھەقتە توختالغان بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىڭدوۋ، خىتاي ئالىي مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى:
"خىتاي بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى بارغانسېرى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى بىر قانچە يىللارنىڭكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ بولدى. شۇڭا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەتتا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغانلارنىڭمۇ خىزمەت تېپىشى تەس بولىۋاتىدۇ. بۇ ھازىرقى قىيىن بىر مەسىلە".
جەمئىيەت ئېھتىياجى بىلەن ماس قەدەمدە ئەمەس
ئامېرىكا بوئېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جېڭ جۇيۈئەن خىتاي ئالىي مائارىپىنىڭ كەسپىي قۇرۇلمىسى بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ ماس قەدەمدە بولماسلىقىمۇ بۇنىڭغا بىر سەۋەب بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى:
"سىزنىڭ مەكتەپتە ئۈگەنگىنىڭىز بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ماس كەلمىسە، ئۇ چاغدا سىزنىڭ خىزمەت تېپىشىڭىز ئەلۋەتتە تەسكە چۈشىدۇ. ھازىر خىتايدا سودا ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ساھەلەردە ئېھتىياج چوڭ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار كەسپ تاللىغاندا چوقۇم جەمئىيەت ئېھتىياجىنى يېقىندىن كۆزىتىشى ۋە بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدىشى كېرەك".
جۇ جېڭيۈئەن يەنە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئەھۋالىدىمۇ توختالدى:
"ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە ھەممىسى يۈزدە يۈز خىزمەت تاپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەخمىنەن 70% ئى خىزمەتكە ئورۇنلىشلىسا، قالغان 30% ئى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆگىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار بۇ جەرياندا يەنە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىگە مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ".
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 35% ئى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەشنى خالايدىكەن. شەخسىي كارخانىلاردا ئىشلەشنى خالايدىغانلار بولسا پەقەت 1% نى ئىگىلەيدىكەن.
پروفېسسور خۇ شىڭدوۋ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەشنى ياخشى كۆرىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا مەمۇرىي ھوقۇق يەنىلا بازار ئىقتىسادىغا كۆپ ئارىلىشىۋالغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى بىر قەدەر ھوقۇقلۇق ۋە مۇقىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭمۇ نورمال ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر
خىتايدىكى ئومۇميۈزلۈك خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تېپىشىمۇ بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتكەن.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئەخمەت ئىسىملىك بىرى، ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ھېچقانداق يەردىن خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىر مەلۇم بىر رېستوراندا كۈتكۈچىلىك قىلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ بىزدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى رادىئودا ئاڭلاتماسلىقىمىزنى تەۋسىيە قىلغاچقا، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتمىدۇق.
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەت تاپالمايۋاتقان پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھە دەپ ئىچكىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 11- قېتىملىق 5 يىللىق پىلاندا، ئالىي مائارىپنىڭ كېڭىيىشىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تىزگىنلەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تېخىمۇ كۆپ خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خىزمەت ئىزدىمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپنىڭ سۈپىتى ناچار بولماقتا
- كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشسىز قالدۇرماقتا
- خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق ھەم كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلاشماقتا
- خىتايدا كىشىلەر ئىش تېپىش جەريانىدا ھەر جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرى بارغانچە سىرتلارغا ئاقماقتا