ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىشسىز قالماقتا


2006.04.05

يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق جەمئىيەت تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەقەت 8 % ئى ئۈمۈتۋار بولۇپ، 75% ئى خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدە ئىنتايىن چۈشكۈن ۋە زور بېسىم ئاستىدا قالغان. كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئىشەنچى يوق بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 50% تىن ئاشقان.

چيەنۋېي ئىسىملىق بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىزمەت تېپىش ھازىر ناھايىتى قايغۇلۇق بىر ئىشقا ئايلانغان. چۈنكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار مىڭ ياخشى ئوقۇغان ھالەتتىمۇ خىزمەت تېپىشتىن ئاۋۋالقى تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ، سانسىز جەدۋەللەرنى توشتۇرۇپ يەنىلا ھېچقانداق ئۈمۈتكە ئېرىشەلمىگەن. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئۈمۈتسىزلەنگەنلىكتىن ئەقلىدىن ئادىشىپ داۋالانمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كەلگەن تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتى يوق دىيەرلىك ھالەتكە يەتكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئالىي مەكتەپ كادىرى، شىنجاڭ داشۆنىڭ چەتئەل تىل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەت ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالمىغانلىقىنى ھەمدە بارغان يەردىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا " رەنجىمەڭ، بىز ئۇيغۇرنى ئالمايمىز" دەپ ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بۇ ئالىي مەكتەپ كادىرى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت تېپىش ھەقىقەتەن بەكمۇ تەس بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىنى ھەتتا خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر باللىرىنىڭمۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى.

ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بۇ خىزمەتچى يەنە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يەنە بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرىنى ئەكىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، قاتتىق نەپرەتلەندى.(مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.