بۇ يىل تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشسىز قالىدۇ
2006.05.11
خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا 22% كۆپىيىدىغانلىقىنى ھەمدە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىش مەسىلىسى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ تەسكە توختايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى قېيىن بولماقتا
يېقىندا خىتايدا ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق ۋەزىيەت ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئاز دېگەندە 60% ئى ئىشسىز قالىدىكەن. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ھەددىدىن زىيادە ناچار بولغانلىقتىن، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، خىزمەت ئىزدەشتە مائاش سۈرۈشتۈرمەي" مەيلى قانداق خىزمەت بولسا بولىۋىرىدۇ" دەيدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن.
بىر قىسىم مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشتا بۇ خىل ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى 90 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 2005 - يىلىغا قەدەر، خىتايدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا " كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش" سىياسىتىنى قوللانغانلىقىدىن ئىكەن. چۈنكى نۇرغۇن مەكتەپلەر بۇ جەرياندا، پۇل تېپىش ئۈچۈن، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى قارىغۇلارچە ھەدىدىن زىيادە كۆپەيتىۋەتكەن.
يېقىندا خىتاي مائارىپ مېنىستېرلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2006 - يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 4 مىليون 130 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 22% كۆپەيگەن. لېكىن ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچار ھالەتتە
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش مەسىلىسى تېخىمۇ تەسكە توختىماقتا. مەسىلەن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ رايونىدىكى بىر دېھقان ئايالنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر رايوندىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئۇنۋان ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن قولىدا دىپلوم تۇرۇقلۇق يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بېرىدىكەن. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىغانلار پەقەت پۇلى بار ۋە يولى بار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، پۇلى يوق كەمبەغەل دېھقان بالىلىرىنىڭ بۇ خىل ئىمتىھاندىن ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر رايوندىكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن ناچار بولغانلىقتىن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىگە قەدەر بېرىپ ئەرز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش تۈزۈمى يېقىنقى بىر - ئىككى يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. لېكىن ھەر يىلى ئاقسۇ رايونى بويىچە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 5000 ئەتراپىدا بولسىمۇ، مەزكۇر ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغانلار پەقەت 50 - 60 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دېھقان بالىسىنىڭ ئورۇنلىشىشى يەنىلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايال سۆھبەت جەريانىدا يەنە، يېقىنقى بىر -ئىككى يىلدىن بۇيان خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋاتقان بۇ ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى پەقەت 300 يۈئەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايال سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا رايونلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
- خىتايدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر كەم بولماقتا
- ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىشسىز قالماقتا
- مائارىپ چىقىمى خىتايدا ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا
- خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانسېرى تەسلەشمەكتە