ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى پۇل يىغىشنى مەقسەت قىلماقتا


2006.06.22

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، خىتاي ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ كومىتېتى قاتارلىق ئون نەچچە ئورۇن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئوقتۇرۇشنى تارقاتقاندىن كېيىن بۇ ئېلان ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ كىچىك تور بەتلەردىمۇ قويۇلدى.

مەزكۇر ئېلاندا "ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يېزا- كەنتلەردىكى جەمئىي 20 باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرغا مەكتەپلەرگە 1595 شتات قوبۇل قىلىنىدۇ، تاللاش ئوبيېكتى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئالىي مەكتەپ، ئالىي ھەمدە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، 30 ياشتىن تۆۋەنلەر ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كىنىشكىسىگە ئىگىلەرمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. تىزىملاش ۋاقتى 23 - ئىيۇنغىچە" دەپ كۆرسىتىلگەن.

بار خىزمەت يەنىلا پۇلى بارلار ئۈچۈن

مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقى مەلۇم بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تەقدىردىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقانلىقى ئېغىر بىر جەمئىيەت مەسىلىسى بولۇپ قالغان. ئەسلىدە ئىشقا ئېلىش توغرىسىدىكى ئېلانلار ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى پۇرسەت بولىشى كېرەك ئىدى ئەمما تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنىشىچە، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلىپ ھازىرغا قەدەر تىزىملاتقانلار سانى 8900 ئەتراپىدا ئىكەن. بەزى كىشىلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە تىزىملاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا تېلېفونلار ئاچتۇق. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىلغىچە ئىش تاپالمايۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىزىملاتقانلارنىڭ پۇل تۆلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ پۇلنى يىغىپ ئىمتىھان ئالغاندىن كېيىنلا يوقاپ كېتىدىغانلىقى، يەنىلا پۇلى بارلارنىڭ بالىلىرىلا بۇ ئىشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىكار تەلەپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلاردىكى ئىنكاس: خىزمەتكە ئېلىش ئىلانلىرى خىتايلار ئۈچۈن

بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا جەمئىيەتتىن كەڭ كۆلەملىك ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ يىل ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن پۈتۈنلەي بىرلەشتۈرۈۋېتىلىپ خىتايچە مائارىپ سۈرئىتى كۈچەيتىلگەنلىكى ئۈچۈن، يېزىلاردا خىتاي تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشمۇ ئاساسەن خىتاي تىلىدا دەرس بېرەلەيدىغانلارنى تاللاشنى ئوبېيكتا قىلغان، تىزىملاتقانلاردىن يېزىق ئىمتىھانى خىتايچە ئېلىنغان.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئىش كۈتكۈچىلەر گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرىقىدەك خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى ئارقىلىق ھەمدە ئىختىساسلىقلار بازارلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ تىزىملىتىش ھەمدە ئىمتىھان ئېلىش ھەقلىرى يۇقىرى بولغاندىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يوللار ئارقىلىق ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇ خىل ئېلانلار ئۇلارغا نىسبەتەن، پۇل يىغىشنى مەقسەت قىلغان ئالدامچىلىقتەك، ياكى بولمىسا پەقەتلا خىتايلارغا چىقىرىلغان ئېلاندەك بىلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا 6، 7، ھەمدە 8 دەرىجىلىك خىتاي تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولىشى شەرت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 18 ئاساسلىق پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىپ تاللانغانلىرىنى، بىر مەزگىل مەخسۇس تەربىيىلەشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، ئالتاي قاتارلىق 7ئوبلاست ناھىيىئە رايونلىرىدىكى باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.