ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
2006.07.20
دۈشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنگلىزچە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن خىتايدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە خىزمەت تاپالىغانلىرى ئۇلارنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىش ئىقتدارى تۆۋەن
خەۋەردە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەسكە چۈشىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار كونكرېت چۈشەندۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن 60% كە يېقىن ئوقۇغۇچى مەكتەپلەردە دەرسلىكلەرنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىنى خىزمەت تېپىش پۇرسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن دەپ نارازى بولغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتايدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېن دىڭلىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ خىتايدىكى خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكىگە سەۋەب بولغان ئامىللار توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"مېنىڭچە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ نوپۇس سانى بىر قەدەر چوڭ. خىتايدا 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇس بار. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت تونۇشى تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بىزدە ئۇزۇن مەزگىل ئاتا-ئانىغا تايىنىۋېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئىشلىرىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدۇ. يەنە بىر سەۋەب، خىزمەتكە بولغان تونۇش مەسىلىسى. بەزىلەر خىزمەت دېگەن نېمە؟ دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەيدىيۇ، ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە ئۇلارغا بېرىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەر بار. ئەمما ئۇلار بۇنداق خىزمەتلەرنى 'خىزمەت' دەپ قارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مائاشى يۇقىرى بولغان خىزمەتلەرلا 'خىزمەت' ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىش ئىقتدارى تۆۋەن بولىدۇ".
ئوقۇغۇچىلار بىلىم دائىرىسىىنى كېڭەيتىشى كېرەك
پروفېسسور شېن دىڭلى يوقارقى ئامىللارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە خىزمەت تېپىشىغا تەسىر كۆرستىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئالغان دەرسلىكلىرى بىلەن خىزمەت ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە توختىلىپ، ھازىر خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە، ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلۈشى كېرەكمۇ ياكى دۆلەت ئۈچۈن " ئىدېئولوگ ۋە قۇرغۇچى" تەربىيلەشنى نىشان قىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
" مېنىڭچە بۇنىڭدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىڭىز ھاياتىڭىزنىڭ 40-50% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان 50-60% نى جەمئىيەت بىلىملىرىدىن ئۈگىنىسىز. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار پەقەت مەكتەپ دەرسلىكلىرىگىلا تايىنىۋالماستىن، ئۆزلىرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ، بىلىم دائىرىسىىنى كېڭەيتىشى كېرەك".
ئورۇنلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى خالاپ كەتمەيدۇ
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، خىتاينىڭ كومپارتىيە ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى 100 ئالىي مەكتەپتىكى 6000 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 40% تىن كۆپى مۇناسىۋەت يولى ئارقىلىق خىزمەت تاپىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ھەتتا خىزمەت ئورۇنلىرىنى ساتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. ئىلگىرى رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگەن بەزى ئوقۇغۇچىلار، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىش تېپىش ئۈچۈن بارغىنىدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ خىزمەت ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ يۈەندىن ھەتتا 100 مىڭ يۈەنگىچە باھا قويغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى خىتايلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تەسكە توختايدىغانلىقى ھەققىدىكى نارازىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. رادىئومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ كارخانا ئورۇنلارغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەمۇرىي ئىدارە-ئورگانلاردىكى خىزمەتكە 2000 نەچچە سان بېرىلگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدا بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن سان ئاران 300 ئەتراپىدا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن مىللىي ئوقۇغۇچىلاردا مىللەت چەكلىمىسى قويۇلمىغان بىرەر ساننى نۇرغۇن كىشى تالىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئەھۋالىنىڭ تەس بولۇشىغا قاراپ، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ھازىردىن تارتىپلا غەم قىلىشقا باشلىغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا
- بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى "مۇھىم نۇقتىنىڭ مۇھىمى" دەپ تەكىتلەيدۇ؟
- 55 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى غەربىي رايونغا بېرىشقا ھازىرلانماقتا
- بۇ يىل تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشسىز قالىدۇ
- ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
- خىتايدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر كەم بولماقتا
- ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىشسىز قالماقتا