ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار پۇشايمان قىلماقتا
2006.08.17
"خىتاي ياشلار گېزىتى" تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈش زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 9000 غا يېقىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 40% كە يېقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان. ھەمدە 50% تىن ئارتۇقى " نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن، ھېچبىر كېرەكلىك نەرسە ئۆگىنەلمىدۇق. ئوقۇغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىدى" دەپ قاقشاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پاشايمانىڭ سەۋەبى
"خىتاي ياشلار گېزىتى "نىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 40% كە يېقىن ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ پۇشايمان قىلىشىدىكى سەۋەب، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالمايۋاتقانلىقى ئىكەن.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2001 - يىلى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر سانى 1 مىليون 150 مىڭ، 2003 - يىلى 2 مىليون 120 مىڭ، 2005 - يىلى 3 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، 2006 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ سان 4 مىليون 130 مىڭدىن ئاشقان. دېمەك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى ئىزچىل ھالدا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش مەسىلىسىمۇ بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتكەن.
مائاشقا بولغان تەلەپ بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپتە خىتايدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشقا بولغان تەلىپى 2500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ئىدى. لېكىن 2005 - يىلىغا كەلگەندە مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي يۈرگەنلەرنىڭ ئايلىق مائاشقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، 1000 يۈەن، 800 يۈەن ھەتتا 500 يۈەنگىمۇ چۈشۈپ قالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماسلىقى، مەزكۇر جايدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا پۇشايمان قىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدىكى دېھقان ئاتا -ئانىلارنىڭ بېشىنى تېخىمۇ قاتتىق قاتۇرغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا رايونىدىكى بىر دېھقان ئايال، دېھقانلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرىپ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي يۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، بىر قىسىم ئاتا -ئانىلارنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش پۇشايماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئانا، سۆھبەت جەريانىدا يەنە بالىلىرى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەيلى خىزمەت تاپالىسۇن ياكى تاپالمىسۇن، ئۆزى مىڭ جاپا تارتسىمۇ يەنىلا ئۇلارنى ئوقۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپتىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟
- خىتايدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى 20 يىل ئىچىدە 25 ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى
- بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- خىتايدىكى داڭلىق بېيجىڭ ۋە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئىناۋىتى تەۋرەنمەكتە