ئىقتىساد قانچە تىز تەرەققى قىلسا ئەمگەك كۈچلىرىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن خىتايدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ؟
2006.08.29
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 29 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىساد خىتايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆزىنىڭ زاۋۇتلىرى ئارقىلىق 'ھەزىم' قىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. گەرچە ' شىنخۇا ئاگېنتلىقى' ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە "ئۆتكەن بىر نەچچە 10 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 7 مىليون 500 كىشىگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ جەمئىيەتتىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولغىنى يوق. خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇيىل 6 - ئايدىمۇ يەنە "ئىقتىساد 11% ئۆستى، يېزىلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 4% تىن ئاشمىدى"دەپ ئېلان قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ رايون خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەتقىقاتى بۇيىچە تەكلىپ قىلغان تەتقىقاتچىسى نىكولاس كۋان ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت، شىركەتلىرى خەلقئارادا ھەدەپ گۈللىنىۋاتقان خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ رىقابىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزىنىڭ بىرمۇنچە زاۋۇت-شىركەتلىرىنى تاقىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشسىزلارغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ، گەرچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قول سېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلاردا ئىشسىز قالغان دېھقانلار يەنىلا ھەر يىلى مىليونلاپ شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بىر سەۋەپ شۇكى، --- دەپ بايان قىلىدۇ تەتقىقاتچى نىكولاس كۋان، ---- خىتايدا ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇلىۋاتقىنى ئالى تېخنىكا، ئەمما خىتايدا ئۇنىڭ سۈرئىتىگە ماس كېلىدىغان ۋە شۇ قەدەر كۆپ ئالى تېخنكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمگەك كۈچى يوق.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئىقتىساد ناھايىتى تىز تەرەققى قىلدۇرۇلىۋاتىدۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، دەيدۇ. ئەمما رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلق تېلېفون قىلىپ بىزگە ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار پۇشايمان قىلماقتا
- ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا
- بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە