خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جايلاردا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا


2006.09.01

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6 ‏- ئايغا قەدەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىش نىسبىتى 11% كە يەتكەن. لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن تېخىمۇ ئارقىدا قالغان. مەسىلەن خىتاي دائىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، 5". "9 يىللىق پىلان جەريانىدا، دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئورتا ھېسابتا 8. 6% پىرسەتتىن ئۆرلىگەن. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى يىلىغا 8 مىليوندىن كۆپەيگەن ؛ لېكىن " 10. 5" يىللىق پىلاندا، دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا 9. 5% دىن ئۆرلىگەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپىيىشى 7 مىليونغا چۈشۈپ قالغان. دېمەك "10. 5" يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىشسىزلار سانى " 9. 5" يىللىق پىلان مەزگىلىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئەسلىدىكى ئىشسىزلار سانىدىن 560 مىڭ كۆپەيگەن.

نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئىشسىزلىق مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ؟ -دېگەن بۇ مەسىلىدە، تۈرلۈك ئانالىزلار مەيدانغا كەلمەكتە. بىر قىسىم ئانالىزچىلار " نورمالدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش نېسبىتىمۇ ئۆرلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن خىتايدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئىشسىز قالدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، خىتاي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلىشتا، ئاساسەن ئېكىسپورت قىلىشقا ۋە چەتئەل مەبلىغىگە تايىنىپ قالغان" دەپ بىلدۈرمەكتە. يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار، " ئىقتىسادنىڭ تەرەققي قىلىشى بىلەن ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان شۇنداقلا بۇ خىل ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنىلا خىتاينىڭ ئالاھىدە نوپۇس مەسىلىسى " دەپ قارىماقتا.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىئىدا خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەممىدىن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە بۇ خىل ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ مەلۇماتتا يەنە 2003 ‏- يىلىدىن بۇيان خىتايدا ئىشسىز يۈرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئىشسىزلار سانىنىڭ 2006 ‏- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 2 مىليونغا يەتكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى يىلدىن يىلغا ئېغىرلاشماقتا بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ئىشسىز يۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ پۇشايمان قىلىپ مەكتەپتىن چېكىنىدىغان ئەھۋالمۇ بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا باشلىغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.