خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى سىياسىي مەسىلىگە ئايلانماقتا
2007.01.01
چەتئەل تور بەتلىرىدە بېرىلىۋاتقان خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىتكە ئايلانغان. ئانالىزچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مەزكۇر مەسىلە خىتايدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىل بولۇپ، ئۇ پەقەت ئىجتىمائىي مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلىگە ئايلانغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنىڭ دائىرىسى 4 ھەسسە كېڭەيگەن. ھەمدە كېلەر يىلى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ سانى 5 مىليونغا يېتىدىكەن. شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشسىز قالىدىغانلارنىڭ سانى مىليوندىن ئاشىدىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ بەك ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولغان. ھازىر ئاتا -ئانىلار بار پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ھەتتا ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىدىكەن. لېكىن ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر سانىنىڭ كۆپۈيىشى بىلەن، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش بېسىمى ۋە شۇنداقلا ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تېپىش بېسىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ بەك كۈچىيىپ كەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2006 - يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 60% تى خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان ھەمدە 2005 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىشسىزلىق نىسبىتى 22% كۆپەيگەن. يېقىندا خىتاينىڭ بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، جەمئىيەتتە ئىشسىز قېلىۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 % كە يېقىنى بېسىم تۈپەيلىدىن ئۆلۈۋېلىشنى خالايدىكەن. چۈنكى ھازىر خىتايدا ئىشقا ئورۇنلىشىئىشتا، ئاساسىي رول ئوينايدىغان ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتى دېگەندەك ئامىللار ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەت ۋە كەينى ئىشىك قاتارلىق ئامىللار ئىكەن.
كۆپلىگەن زىيالىي ۋە ئانالىزچىلار " ئەگەر خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى مۇشۇ ھالەتتە داۋاملىشىدىكەن، ئۇزۇنغا قالماي خىتايدا چوقۇم 89 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە ئوخشاش يەنە بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بېرىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ چوڭ تەخدىت بولىۋاتقان يەرسىز قېلىۋاتقان دېھقانلاردىن باشقا، ئىشسىز قېلىۋاتقان بىلىملىك ياشلار ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى خىتاي ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (مېھرىبان)
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئىشسىز ياشلار شېنجېنغا ئاپىرىلىدىكەن
- جياڭشىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئىسيان كۆتەردى
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاسلار
- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟