ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە كىملەر ئىگە بولماقتا ؟


2007.04.10

bazar-200.jpg
ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر دۇكىنى. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالماقتا ۋە پارچە – پۇرات ئىشلار بىلەن جان باقماقتا.

بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە، يىلىغا 400 مىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر ئىقتىساد تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 2005 ‏- يىلى چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان بىر ئىشسىزلىق كرىزىسىغا دۇچار بولىدىكەن.

دەرۋەقە، 2001-يىلىدىن 2005-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەھەر - ناھىيىلەردىكى ئېشىندى ئەمگەك كۈچى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلگىرى تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغۇچىلارنىڭ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىشى، يېزىلاردىن شەھەرلەرگە يۆتكىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ھەمدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش - تېخنىكا سۈرئىتىنىڭ يېڭىلىنىشى قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.

ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالماقتا

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشسىزلىق ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك كېتىپ بارغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ تور بېتىدە 8- ئاپرىل خەۋەر قىلىنىشىچە، 2006 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 80% كە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت شتاتىغا ئىگە بولغانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما خەۋەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مىللەت پەرقى بويىچە نىسبىتىنى تىلغا ئالمىغان.

خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە "ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىش نىسبىتىمۇ تەڭ نىسبەتتە ئۆرلىمەكتە. بولۇپمۇ تېخنىكىلىق كەسىپلەر، فىزىكا، خېمىيىگە ئوخشاش تەبئىي پەن كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ياخشى" ئىكەن.

خىتاي ئاققۇنلىرى ئىشلارغا ئېرىشمەكتە

ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي تور بەتلىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاققۇن خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېيىغا 30 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، بۇ خىتاي ئاققۇن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن 10 مىليارد يۈئەن تاپىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، رايوندا ئېشىندى ئەمگەك كۈچىنىڭ نىسبىتى ئېشىپ ئىشسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىغا، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت‏ - كارخانا ئاچقانلار خېلى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلار يەرلىك خەلقتىن ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلمايدىكەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، خىتاي نوپۇسىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولۇۋاتقان خىتايلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ساۋاتسىز، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بولغان دېھقان ئەمگەك كۈچلىرى ئىگىلەيدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 6- كۈنىدە بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي دېھقان ئىشچىلىرىنى ئازادە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى پويىز ئىستانسىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەرمەنكىلىرىنى ئېچىپ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشى ھامان ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا 6 -ئاپرىل ئاچقان خىتاي دېھقان ئىشچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەرمەنكىسىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا 2000 خىتايغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 270 تىن كۆپرەكى رەسمىي توختام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان.

خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە، ئۇيغۇرلار خىتايغا يۆتكەلمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىش تېپىش ئۈچۈن كەلگەن خىتايلارغا ئالاھىدە قاراپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار دېگەندەك نام - شەرەپلەر بىلەن ئېتىبار بېرىپ، خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئەكسىچە يەرلىك ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن نام بىلەن 2002 - يىلىدىن باشلاپ، ئەسلىدىنلا نوپۇسى زىچ، ئىش پۇرسىتى ئاز، كەسكىن ۋەزىيەتتە تۇرغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك ھەققى بىلەن تۈركۈملەپ يۆتكىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006 -يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 80% كە يەتكەنلىكى ھەققىدىكى سانىنىڭ ئىچىدە قانچىلىك نىسبىتىنىڭ يېزىلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياللانما ئىشچىلىققا كەتكەنلەر ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ بىر قانچە يىلغىچە خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەن ياشلار، جان بېقىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئادەتتىكى ئىشچىلىققا بېرىشقىمۇ رازى بولماقتا ئىكەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن بىر خادىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا " بىزدىن خىتايدىكى زاۋۇتلارغا يولغا سېلىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، تېخنىكىلىق تەربىيىلىنىشى بىر قەدەر ئۈستۈن، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى بولسا ئومۇميۈزلۈك ساپاسى تۆۋەن، پەقەت ئادەتتىكى ئەمگەكلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ" دېگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.