ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەللەرگە چىقىش يولى ئىزدەپ چىقىۋاتقان ياشلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار گەرچە نۇرغۇن ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان بولسىمۇ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي، تاپقانلار بولسا ئىش يەرلىرىدە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراپ ئىشسىزلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

ئۆز يۇرتلىرىدا چىقىش يولى تاپالمىغان مانا بۇ ئۇيغۇر ياشلار ياقا يۇرتلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا . ئىليار ئەھەت ئەپەندىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت بىر يېزىدىكى مەكتەپكە بۆلۈنگەن ۋە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن چەتئەللەرگە چىقىشقا نىيەت قىلىپ تۈركىيەگە كەلگەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپ قىسىم ياشلار ئاخىرقى ئۈمىدىنى چەتئەللەرگە باغلاپ قويغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز يۇرتىدا ياشاش ئۈمىدىنى يوقاتماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئىليار ئەھەت ئەپەندىم بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.