دەرس مۇنبىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپىنى يەنىمۇ بېسىم بىلەن كۈچەيتىشى داۋامىدا، دەسلەپ ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدە پىداكارلىق بىلەن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ھەمدە مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا كۆرسىتىۋاتقان تەھدىتلىرىنى تونۇپ يېتىپ نارازى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار زور زەربىگە ئۇچرىدى، ھەتتا مەجبۇرىي ھالدا تۈرلۈك باھانە ‏- سەۋەبلەر بىلەن دەرس مۇنبىرىدىن قوغلاندى.

بىز يېقىندا، مەلۇم يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە كەسپىنى سۆيۈپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە نارازى ھالدا پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك دەرس مۇنبىرى ھەمدە سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.