ئۇيغۇرلار قەتئىي نىيەتكە كەلسىلا، ئۆز يۇرتلىرىنىڭ توغرا نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ
2007.02.09
تەيۋەندە ھازىر "توغرا نام قوللىنىش ھەرىكىتى" داۋاملىشىۋاتىدۇ. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ئالدى بىلەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردىن ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ نامىدىكى "جۇڭگو" ياكى "جۇڭخۇا" دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان "جۇڭخۇا پوچتىسى" دېگەن شىركەتنىڭ نامىدىكى "جۇڭخۇا" دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھازىر "تەيۋەن پوچتىسى" دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن كېيىن پوچتا ماركىلىرىمۇ "تەيۋەن" دېگەن نامدا بېسىلىدىكەن. تەيۋەننىڭ "جۇڭگو نېفىت شىركىتى" ، جۇڭگو كېمىسازلىق شىركىتى" دېگەن شىركەتلىرىمۇ، ئۆز نامىدىكى "جۇڭگو" دېگەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا توغرا نام قوللىنىپ "تەيۋەن نېفىت شىركىتى" ، "تەيۋەن كېمىسازلىق شىركىتى" دەپ ئاتاشقا باشلىغان.
تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەننىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندە ھەر قانداق ئورگان، جاي ياكى مەخسۇس ناملار يەنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى "جۇڭگو" دېگەن ياسالما نام ئارىلىشىپ قېلىپ ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلغانلىكى ناملار، مەسىلەن، تەيۋەندىكى "جۇڭخۇا ھاۋا قاتنىشى" دېگەن نامنى ئېنگىلىزچە China Airline دەيدىغان، تەيۋەندىكى "مەركىزى بانكا"نى Central bank of China دەيدىغان خاتا ناملار پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ توغرا نامى ياكى توغرا ئاتىلىشى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدىكەن. ئاۋاز
بىڭتۇەندە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىلشات ئەپەندى تەيۋەندە يولغا قويۇلۇۋاتقان "توغرا نام قوللىنىش ھەرىكىتى" نىڭ توغرىلىقىنى، ئۇيغۇرلارمۇ ئەنئەنىۋىي يەر-جاي ناملىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنى ئەۋلادلارغا ئۆز پېتى قالدۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئىلشات ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بورمىلانغان ناملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، توغرا نام قوللىنىشى تامامەن مۇمكىنلىكىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرسەتتى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايچە مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقچى
- قوش تىللىق مائارىپمۇ؟ خىتاي تىللىق مائارىپمۇ؟
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتىگە قانداق مەنپەئەت ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتا جىددىي خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى