ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانان مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەيدىغان كارتونلارنى بېشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى


2006.02.09
islam-karton-bnamayish.jpg
9-فېۋرال كۈنى نامايىشچىلار جاكارتا شەھىرىدىكى دانىيە ئالچىخانىسى ئالدىدا دانىيىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەيدىغان كارتونلارنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپا مەتبۇئاتىدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8‏- فېۋرال كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان قالات شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا، ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى ئۆلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار قالات شەھىرىدىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، ئافغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان. ۋەقە جەريانىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يارىلانغان.

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى سەۋىرچان بولۇشقا چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، فرانسىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتنىڭ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنى قايتىدىن نەشىر قىلغانلىقى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.

فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك، مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنى قايتىدىن نەشىر قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىتلەپ، كىشىلەرنىڭ ئېتىقاتىنى، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقاتىنى رەنجىتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە يول قويولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاناننىڭ تەكلىپى

ب د ت باش كاتىبى كافى ئانان 9‏- فېۋرال كۈنى نيۇ-يوركدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "بىر قىسىم گېزىتلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنى نەشىر قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنەلمەيۋاتىمەن. بۇ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ھېسىياتىنى رەنجىتىدىغان ۋە كىشىلەرنى كۈشكۈرتىدىغان بىر ھەرىكەت. بۇ كارتونلار نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيادا قانچىلىك قالايمىقانچىلىق چىققانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم" دېگەن.

كافى ئانان باياناتىدا، يەنە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە قارشى ئەمەسلىكىنى، لېكىن مەتبۇئاتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئوتقا ياغ چاچماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت باش كاتىبى بەزى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا گۇناھسىز كىشىلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىمۇ قاتتىق تەنقىت قىلىپ، ئۇلار گۇناھسىز پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلماسلىقى كېرەك. ئۇلار مەزكۇر كارتون رەسىملىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشىدا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى بولمىغان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلماسلىقى كېرەك، دېگەن.

ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىران ۋە سۇرىيىنى ياۋروپا مەتبۇئاتىدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنى نەشىر قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنى غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى كۈشكۈرتىۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ مەيدانى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كوندالىزا رايس 8‏- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىران ۋە سۇرىيىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسىياتىدىن ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلمايمەن. پۈتۈن دۇنيا بۇ دۆلەتلەرنى بۇ ھەرىكىتىدىن ۋاز كىچىشكە چاقىرىشى كېرەك، دېدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى يەنى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋىي كارتون رەسىملىرىنى نەشىر قىلغان گېزىتلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئوچۇق تەنقىت قىلمىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى بەزى ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى دېموكراتلارنى ئەپسۇسلاندۇرغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ نەشىر قىلنغانلىقىنى ئەيىبلىشىنى كۈتكەن ئىيۇردانىيە پادشاھى ئابدۇللا، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلغان ھالدا، مۇھەممەت پەيغەمبەرنى ھاقارەتلىگەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى ئەيىبلەش كېرەك، دېگەن.

بەزى دېموكراتلار، پرېزىدېنت بۇش، بەزى مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئوچۇق تەنقىت قىلىشتىن باش تارتىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇيەسسەر بولغان ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويىۋاتىدۇ، دېيىشمەكتە.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋىي كارتون رەسىملىرى تۇنجى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئىيىدا دانىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتتە نەشىر قىلىنغان. بۇ ھەرىكەت مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچىرىغان. ئەمما يېقىندا ياۋروپادىكى بەزى گېزىتلەر بۇ كارتونلارنى قايتىدىن نەشىر قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىئىدا قاتتىق نارازىلىق دولقۇنىنىڭ قوزغۇلىشىغا سەۋەب بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.