كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى

0:00 / 0:00

23- دېكابىر كۈنى ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف %88 ئاۋاز بىلەن يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۈچىنچى قېتىم سايلىنىشى ئۆزبېك ۋە غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى شۇنىڭدەك تەنقىدلىرىگە ئۇچرىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ قايتىدىن سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن شۇنىڭدەك خىتاي، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى بۇ سايلامنىڭ تەرتىپلىك بولغانلىقىنى مەدھىيىلەشكەن.

ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرى بولسا، كەرىموفنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات قىلىشىغا ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى يەتتە يىل ئىچىدە ئۆزبېكىستاندا زور ياخشىلىنىشلارنىڭ بولۇشىغا ئىشەنمەيدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.