ئىسلام قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى
2005.12.07
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە 3-نۆۋەتلىك ئىسلام قۇرۇلتىيى باشلاندى. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىنىدا ئىسلام ئەللىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھاتىغا دائىر يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
مەككىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئالاھىدە بىر تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia