ئىستانبۇلنىڭ جاۋاھېر مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
2007.12.12
2007- يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى جاۋاھېر مېھمانخانىسىنىڭ بالى زالىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. يىغىننى "ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى" جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت گۈرمەس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن مۇسۇلمان بولمىغان ئەللەرنىڭ ئسلامدىن قورقۇش، ئىسلامغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراشتىن ئىبارەت خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزۈتۈش بېرىش مەقسىتىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا "ئىسلامئوفۇبىيا يەنى ئىسلامدىن قورقۇش ئىللىتى يىغىنى" دەپ نام بەرگەن. يىغىندا، "ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى" جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نەجمى سادىقئوغلۇ، "تۈركىيە كۆڭۈللەر ۋە تەشەككۈللەر " ۋەخپىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان، "خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى"، مالىزىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئىبراھىم، كەشمىرنىڭ سابىق رەئىسى سەردار ئابدۇلقەييۇمخان، ئەنگلىيىلىك يازغۇچى كارەن ئارمسىترۈڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.
يىغىنغا، تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە،فرانسىيە، گوللاندىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىئوردانىيە، كۇۋېيت، مالايىسىيە، پاكىستان، ئورۇگاي، ئالبانىيە، قىبرىس، ئىران، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن، دۆلەت ئەربابلىرى، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، جەمئىيەت رەھبەرلىرى، تەشكىلات ئەزالىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، دوكتۇرلار، پروفېسسورلار، ئاكادىمىكلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار قاتناشتى.يىغىنغا 650 چەتئەللىك مېھمانلار بولۇپ جەمئى 1000 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا مىسىر ئەلئېھرام سىياسەت ۋە ئىستىراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەسەن ئەبۇ تالىپ "خەلقئارالىق چوڭ كۈچلەرنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى" تېمىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: خىتايدا 50 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن 45 مىليون مۇسۇلمان بارلىقىنى ئېلان قىلدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىمۇ، شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزمەكتە، كوممۇنىست ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار بېسىم، دىكتاتور ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇز ئەپەندى ھەسەن ئەبۇ تالىپ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغانلىقىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەشەككۇر ئېيىتتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھەققىدە خاتا ئىپادىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۈزۈتۈش بەردى.
بىز بۇ ھەقتە، مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئارسىلان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى
- د ئۇ ق، تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بىلدۈردى
- ئەزەربەيجان مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلار
- ئەنقەرەدە تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى
- سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي بىلەن سۆھبەت
- ئەزەربەيجاندىكى "تۈركىستان" گېزىتى
- تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالدىنى ھېچكىم توسالمايدۇ
- 11 - نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق - قېرىنداشلىق - ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى