ياۋرو- ئاسىيا ئىسلام قۇرۇلتۇيى ئىستانبۇلدا باشلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرو ئاسىيا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ 6 –نۆۋەتلىك يىغىنى ئىستانبۇلدىكى دولما باغچا سارىيىدا باشلاندى

ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇھىم سۆز قىلدى. قۇرۇلتايغا شەرقىي ياۋروپا، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى 33 دۆلەت ئۇنىڭدىن كەلگەن دىنىي ئۆلىمالار ۋە دىنىي تەتقىقاتچىلار قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئابدۇجېلىل قارلۇق ئەپەندى قاتنىشىپ ماقالىسىنى ئوقۇدى.