ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقالار يىغىنى ئاياقلاشتى
2005.12.08
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئېچىلغان ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسلىقى ئىككى مەسىلە يەنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بۇ تەشكىلاتنى خەلقئارا مەسىلىلەردە مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
يىغىن قۇرۇق بايانات ئېلان قىلىش بىلەن ئاياقلاشقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۆتىدىل ئىسلام تەكلىپى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا جىددى تالاش-تارتىشلارغا سەۋەبچى بولغان.
ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئېلان قىلىنغان باياناتدا، ئىسلام دۇنياسى بىر كرىزىس ئىچىدە بۇ كرىزىس ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پەقەت بۈگۈنىگە ئەمەس، كېلەچىكىگە ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دېيىلگەن.
مەككە باياننامىسى دەپ ئاتالغان مەزكۇر باياناتتا يەنە، ئەسەبىي ۋە خۇراپى ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جىددى تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئىدىيىلەر تېررورچىلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى " دېيىلگەن.
ئىسلام دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىن جەريانىدا، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە بىر- بىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيادىكى سانى ئاز بولغان مۇسۇلمان مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇشنى قارار قىلغان.
ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىن جەريانىدا، ئىسلام دۇنياسى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق جىددى قارار ئېلىنمىغان. بۇ قېتىمقى ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، بۇرۇنقى يىغىنلارغا ئوخشاش قۇرۇق بايانات ئېلان قىلىش بىلەن ئاياقلاشقان.
ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىدىيە بىرلىكى يوق
ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ئامېرىكىنىڭ يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات بۆلۈمى پروفېسسورى ھاقان ياۋۇز بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
" بۇ قېتىمقى ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى جىددىي كۈن تەرتىپى بىلەن باشلانمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يىغىندا جىددى قارارلار ئېلىنمىدى. تۈركىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر يىغىن جەريانىدا، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنى تەسىرلىك بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بۇ ھەقتە بىر قارار ئېلىنىشى ئۈچۈن ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى بولۇشى كېرەك. ئەمما ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئەزەلدىن ئىدىيە بىرلىكى مەۋجۇت ئەمەس. "
مۇھىم مەسىلە ھەل قىلىنمىدى
پروفېسسور ھاكان، ئىسلام دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى كۈنلۈك داغدۇغىلىق يىغىنىدا قىلغان ئىشىنىڭ پەقەت تېرروچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلام ھەمدە ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
ئىسلام دۆلەتلىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار -11 سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، جىددىي كرىزىس ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. چۈنكى غەربلىك بەزى سىياسەتچىلەر ۋە مۇلاھىزىچىلەر 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەمدە ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، تېررورچىلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىسلام دىنى دېگەنگە ئوخشاش بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. ئۇلار سامىئۇل ھانتىڭتون مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك، دۇنيانىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى گىرداۋىغا قاراپ كېتىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنى ئىسلام دۇنياسى ناھايىتى جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىسلام دۆلەت باشلىقلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنىدا بۇ مەسىلىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا قارارلار ئېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنداق قارارلار ئېلىنمىدى ".
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسلام دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دۇنيادىكى سانى ئاز بولغان مۇسۇلمان مىللەتلەر مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇش توغرىسىدا قارار ئېلىنغان.
لېكىن، پروفېسسور ھاقان ياۋۇز، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، تايلاند ۋە فىلىپپىنلەردە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن جىددى قارار ئېلىشى كېرەك ئىدى، دەپ كۆرسەتتى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسلام قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى
- گوللاندىيىدە ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- تەيۋەندە 5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى
- ئالماتادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى مەدەنىيەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى