"بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" (1)
2007.07.23
يېقىندىن بېرى غەرب مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى خەلقئارا جامائەتكە تونۇشتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان خەۋەر ، ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 22- ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق "Sunday Times" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" سەرلەۋھىلىك ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ يىرىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.
37 ياشتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەت
"Sunda Times" يەنى يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى مايكېل شەردان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قاراتقان قاتتىق سىياسىتى، ھاشار، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىشى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ھۆنەر ئۆگىتىش نامىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان ئاپتۇر ماقالىسىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەت ئۆلۈم ھۆكۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرى بىلەن باشلىغان.
" خىتاي جاللاتلىرى ئەتىگەن سائەت 9 دىن بۇرۇن ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇلار قوياش ئىسمائىل سەمەت شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىغان زېمىندىكى تەڭرىتاغلىرى ئۈستىدىن ئەمدىلا باش كۆتەرگەن مەزگىلدە ئۇنى تۈرمە كامىرىدىن ئېلىپ ماڭدى. بىر كۈن بۇرۇن ئۇ ئايالى بۈۋىھەجەر، 7 ياشتىكى ئوغلى ۋە 6 ياشتىكى قىزى بىلەن ئاخىرقى قېتىم دىدار كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇلارغا ئۈچ يىللىق جۈدالىقتىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك ۋىدالىشىش ئۈچۈن پەقەت 10 مىنوت ۋاقىت بېرىلگەن. ئىسمائىل سەمەت 37 ياشتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىدى. ئۇ ھېچقانداق ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمىگەن. ئۈچ خىتاي سوتچىسى ئۇنى، ئانا ۋەتەننى بۆلۈشكە ئۇرۇنغان ۋە قورال ۋە پارتلاتقۇچ دورا ساقلىغان دەپ ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئىسمائىل سەمەت سوتتا قېيىن- قىستاق ئاستىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن سوت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، 1999- يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى كىشىنى ئىسمائىل سەمەتكە قارشى شاھىت قىلىپ كۆرسەتكەن." دەپ يازىدۇ ئاپتۇر ماقالىسىدا.
"بالىلارغا ياخشى قارا ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇت"
ئىسمائىل سەمەتنىڭ يېغا-زارە ئىچىدە ئائىلىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخىرىقى مىنوتلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئاپتۇر مايكېل شەردان ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ " ئۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ تەقدىرگە تەن بېرىدۇ . ئىسمائىل سەمەت ئايالىغا قاراپ " گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەنلىكى تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتىم . لېكىن تەقدىر مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. سېنى ئىككى بالا بىلەن يالغۇز قالدۇرۇپ كىتىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن مىنى كەچۈرگىن. بالىلارغا ياخشى قارا ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇت."
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 8- فېۋرال كۈنى ئىسمائىل سەمەتنى بىر نەچچىلىگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاپتۇر ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ " ئۇلار ئىسمائىل سەمەتنىڭ جەسىتىنى مۇسۇلمانلارغا ئايرىلغان توپا-چاڭ ئىچىدىكى بىر مازارلىقتا دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىگە تاپشۇرىدۇ. ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئايالى بۈۋىھەجەر، بۇ چەكلەنگەن ماكان ھەققىدە بىردىن - بىر خەۋەر مەنبەسى ھېسابلانغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئىسمائىل سەمەتنىڭ بەدىنىگە قانچە ئوق تەككەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا " بىر ئوق يارىسى كۆردۈم. يۈرىكىگە تىگىپتىكەن" دەپ جاۋاب بەرگەن.
"خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تەشۋىقات ئۇرۇشى ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماقتا"
ماقالىسىدە، ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان 9 مىليون ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مەنسۇبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مايكېل شەردان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001- يىلى 9- سېنتەبىر كۈنىگىچە، يەنى " تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىشنى تونۇپ يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى، قوراللىق بومبىلاش ۋە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
بۈگۈن بولسا، دەيدۇ ئاپتۇر ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "Sunda Times" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، " خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بارماقتا ، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسىنى تەربىيىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي قازاقىستان ۋە پاكىستاننى قولغا چۈشكەن ئۇيغۇر مىلىتانلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە قايىل قىلغان . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي سوتلاش ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش سىياسىتى، نۆۋەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنى غەزەپلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىسمائىل سەمەت، 2003- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن راۋالپىندى شەھىرىدە تۇتۇلۇپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى تالاش- تارتىش قوزغىدى
- خىتاي دائىرىلىرى پاكىستان تەرىپىدىن قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمائىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
- خىتايدا 2005 – يىلىمۇ يەنە مىڭلىغان ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- ئىسمايىل سەمەت خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالىدۇ
- خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت