ئىسمايىل سەمەت خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئوتتۇرا سوتنىڭ 2005 يىلى 10‏-ئاينىڭ 31‏- كۈنى چىقارغان ھۆكۈمنامىسىدا، ئىسمايىل قارى ۋەيا ئىسمايىل سەمەت دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى ئۆتكەزدى دەپ ئەيىبلەنگەن.

ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئەيىبلەش

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئىسمايىل سەمەتنى، 1997‏- يىلى 1‏- ئايدا ئابدۇقادىر ئەمەت ۋە ھەسەن مەخسۇم قاتارلىق 26 ئادەم بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان، ھەسەن مەخسۇم، ئابدۇقادىر ئەمەت ۋە ئىسمايىل سەمەتلەر " شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆرۈشكەن، 1997‏- يىلى 3‏- ئايدا پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ھەسەن مەخسۇم، ئابدۇقادىر ئەمەت قاتارلىق 9 كىشى بىلەن بىرگە" شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى" نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە مۇجاھىت تەربىيىلەش ئۈچۈن 1997‏-يىلى 5‏- ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 11 ئادەمنى ئافغانىستانغا تەربىيىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىبلىگەن.

تەپتىش مەھكىمىسى شۇنداقلا، ئىسمايىل سەمەتنىڭ 1997‏- يىلى 9‏- ئايدا ئافغانىستاندا خىمىيىۋىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياساشنى ئۆگىتىدىغان" لىزا" لاگىرىنى قۇرۇپ، 100 گە يېقىن ئادەمنى تەربىيىلىگەنلىكىنى ھەمدە شۇ يىلى 10‏-ئايدا ھەسەن مەخسۇمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە ئىككى قاراردا 20 گە يېقىن ئادەمگە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياساشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى يەتتە تۈركۈمگە بۆلۈپ، خىتايغا تېررورلۇق پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەپتىش مەھكىمىسى يەنە ئىسمايىل سەمەتنى، 1998‏- يىلى 3‏- ئاينىڭ 19‏-كۈنى " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە " شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى" نىڭ ۋەكىلى مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ يېغىن ئېچىپ، ئىككى تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە بىرلىككە كېلىپ " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" بىلەن " شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى" نىڭ بىرلەشكەنلىكى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

جاۋابكارنىڭ ئىنكاسى

لېكىن، سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدىمۇ بايان قىلىنغاندەك، ئىسمايىل سەمەت پۈتۈن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئەيبنامىدا بېكىتىلگەن پاكىتلار پۈتۈنلەي خاتا، مەن گۇناھىسز، دېگەن.

ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئاقلىغۇچىسى" جاۋابكار ئىسمايىل سەمەت قانۇنسىز قورال-ياراغ، ئوق-دورا، پارتلاتقۇچ ياسىغان دېگەن پاكىتنى بېكىتىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئىسمايىل سەمەتنى ئاقلىغان.

ھۆكۈمنامىدا ئىسمايىل سەمەتنىڭ 1997‏- يىلى 3‏- ئايدا ھەسەن مەخسۇم ۋە ئابدۇقادىر قاتارلىق توققۇز كىشى بىلەن بىرگە ئابدۇ قادىر ئەمەتنىڭ پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نى قۇرۇش يېغىنىغا قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئابدۇ قادىر ئەمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبتىمىزدە ئۇ ئىسمايىل سەمەتنى تونۇمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر يېغىننىڭ پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىنمۇ قەتئىي خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى.