خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 8- فېۋرال كۈنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىئىبلەنگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي سوتى ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئىشلەتكەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ، بىر كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك پاكىت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مېكى سپىگەل خانىم ئىسمائىل سەمەتنىڭ سوتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى": كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىگە ۋە بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بىرقانچە سەۋەبتىن قارشى چىقىمىز. بىرىنچىدىن، سوت ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بەرگەن باياناتلىرىغا ئاساسلانغان. ئىككىنچىدىن، سوت ئادالەتلىك بولمىغان، ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىلمىگەن. ئۈچۈنچىدىن، سوت خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلمىغان. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي سوتى تەرىپىدىن ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ۋە بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتنىمۇ باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلرىگە ئوخشاشلا دەلىل-ئىسپاتسىز قارىلاپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 8- فېۋرال كۈنى بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى.
2003- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمائىل سەمەت، 2005-يىلى 31- ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
1969- يىلى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ساغان يېزىسىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمايىل سەمەت، 1990- يىلى ئاپرىل ئېيىدا يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 1992- يىلى 9- ئايغىچە تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن دەل بىر يىل كېيىن يەنى 1993- يىلى 9- ئايدا قايتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان ئىسمائىل سەمەت، 1996-يىلىغىچە تۈرمىدە ياتقان. ئۇ 1997- يىلى فېۋرال ئېيىدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.