خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقى تۈركىيە مەتبۇئاتىدىكى مۇھىم تېمىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

8 - فېۋرال كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىق خەۋىرى دۇنيا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈرك مەتبۇئاتىدىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىلمەكتە. شۇنداقلا بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىلىرىمۇ بارلىق مەتبۇئات ساھەلىرىنىڭ قايتىدىن دىققىتىنى تارتقان. ئىسمائىل سەمەت مەسىلىسى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى.