مەرھۇم ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئايالى بۇھەجەر خانىم مەرھۇم يولدىشى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2003‏- يىلى پاكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمائىل سەمەتنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەپ، 2005‏- يىلى 10 ‏- ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 8‏- فېۋرال كۈنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.

لېكىن ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئايالى بۇھەجەر، ئىسمائىل سەمەتنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھاياتىدا بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمايدىغان خاراكتېرگە ئىگە بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.