ئىسمايىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى


2007.02.15

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2003‏- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمايىل سەمەتنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىئىبلەپ، ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، 8‏- فېۋرال كۈنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىشى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق پائالىيەتچىسى غوجا مۇھەممەت ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ كۆپ قوزغىغان ئۇيغۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردىن بېرى بولۇپ ھېسابلاندى. 2001‏- يىلى نىپال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شىرئەلى دەپ تونۇلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى غوجا مۇھەممەت ئابباس خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ، 2003‏- ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۆلۈم ھۆكۈمى دەرھال ئىجرا قىلىنغان ئىدى.

رويترېس، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، ب ب س، ئەلجەزىرە، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى قاتارلىق چوڭ رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، ۋاشىنگتون پوست، لۇس ئانجلىس ۋاقتى، ئىنتىرنىشىنال ھرالد ترىبيۇن، گۇۋاردييان قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ گېزىتلار ۋە دى تايمىز قاتارلىق ئاتاقلىق جۇرناللار ھەمدە سانسىزلىغان تور بەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2005‏- يىلى 10‏-ئاينىڭ 31‏-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى مۇھىم خەۋەر قىلىپ بەردى.

ب ب س رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئەمما ئىسمائىل سەمەتنىڭ سوتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلگەن: "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سوتتا ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە" .

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى، خىتاي ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىگە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلدى دېگەن سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسمائىل سەمەتنىڭ سوتقا ساقچىلار مىنى ئىقرارنامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىدى، دېگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيادىكى ئاتاقلىق گېزىتلارنىڭ بېرى بولغان ئەنگلىيىدە چىقىدىغان گۇۋاردىيان گېزىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسمائىل سەمەتنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بېرى دەپ ئەيىبلىگەن . ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىكولاس بىكولىن، ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ھېچقانداق دەلىل‏- ئىسپاتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە" .

تەيۋەندە چىقىدىغان تەيبېي ۋاقتى گېزىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن خەۋىرىدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمايىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق بىر باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا".

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغانلىقى ھەققىدە دۇنيا مەتبۇئاتىدا چىققان پۈتۈن خەۋەرلەردە ئىسمائىل سەمەتنىڭ سوتتا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى قاتتىق قىيناش ئارقىلىق ئىقرارنامىگە قول قويغۇزغانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.