"بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" (2)


2007.07.25

يېقىندىن بېرى غەرب مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى خەلقئارا جامائەتكە تونۇشتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان خەۋەر ، ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 22‏- ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق " سەندى تايمىز" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" سەرلەۋھىلىك ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ يىرىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

1600 خىتاي ئەسكىرى كېلەر ئاي مانېۋىرگە قاتنىشىدۇ

1600 خىتاي ئەسكىرىنىڭ كېلەر ئاي رۇسىيە ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مايكېل شەرىدان ئەنگلىيىدە چىقىدىغان يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ " خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى كەڭ بىر تىڭتىڭچىلار تورى تەشكىللىگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەرلىرى، مەسچىتلەر ۋە بازارلار ئەتراپىدا چارلاپ يۈرۈدىغان تېررورچىلىققا قارشى يېڭى قىسىملار ئورۇنلاشتۇرغان. "

" لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قاتتىق قول سىياسىتى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە دۈشمەن كىشىلەرنىڭ سانىنى كۈپەيتكەن. بۇ ئاي ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارەتلەردە ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەردە ئاھالىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي تەۋەلىكىگە ئاساسەن ئايرىلغانلىقى ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. "

ھاشار ۋە خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنىڭ ئاقىۋىتى

ھاشار، خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنىڭ قاۋاقخانىلارغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كېتىلگەن كىچىك بالىلارنىڭ تىلەمچىلىككە سېلىنىشى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ياشلارنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈندەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ " ئىككى غەربلىك رازۋېتكا خادىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېررور گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇبالىغە قىلماقتا. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىسپاتلىق پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە، خىتاي پۇقراسى ھېچقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ، تېررورلۇققا يۈزلەنگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. "

مىڭلىغان مۇسۇلماننىڭ پاسپورتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تارتىۋېلىنغان

ماقالىسدە، " گەرچە ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 58 يىللىق ھەربىي ئىشغالى جەريانىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر قەدەر باستۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن" دەپ تەكىتلىگەن ئاپتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىلىتان ئىسلامنىڭ تەسىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كېڭيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىڭلىغان مۇسۇلماننىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى رادىكال گۇرۇپپىلارغا قېتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى دېكابىر ئېيىدا ھەجگە بېرىشنى پىلانلاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەنگلىيىدە چىقىدىغان يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مايكېل شەرىدان، لېكىن خىتاي ئۆتمۈشتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ، كىشىلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا، دەيدۇ.

غۇلجىدىكى خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار شەھەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت قىسمىدا ياشايدىكەن

خىتايغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا غۇلجا شەھىرىنىمۇ زىيارەت قىلغان ئاپتۇر مايكېل شەرىدان، ماقالىسىدە غۇلجىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ " : غۇلجىدىكى خىتايلار شەھەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت قىسمىدا ياشايدىكەن. غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن ئون يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆچمەنلىك تېخى داۋاملىشىۋاتىدۇ."

غۇلجىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن بىر خىتاي شوپۇر مۇنۇلارنى دېدى": غۇلجىدا 1997‏- يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە مەن قوراللىق ساقچى قىسمىدا ئىشلەيتتىم. بىر مەزگىل بىز كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويدۇق. ئىسيانچىلار بىر قورال -ياراق ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈپ قوراللارنى بۇلاپ كەتتى. ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى. بىز ھەربىي قىسىملارنى ياردەمگە چاقىردۇق. ئۇلار ھەربىي كىيىملىرىنى سېلىپ، ساقچى كىيىملىرىنى كىيىشتى. مەركىزى ھۆكۈمەت بىزگە ھېچقانداق ئىككىلەنمەي ئۇلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بىزمۇ ئۇلارنى ھېچقانداق ئىككىلەنمەي باستۇردۇق. بىزدىن بىرنەچچە كىشى ئۆلدى. لېكىن بىز ئۇلاردىن مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈردۇق. ئۇلار بىزنىڭ كۈچىمىزنى بىلىدۇ. بىز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى بىر دەرس بەردۇق. "

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، 1997‏- يىلى ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن غۇلجىغا بارغاندا " ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن بۇ دەرس" دېگەن بىر سىنئالغۇ لىنتىسىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەربىي ماشىنىلارغا بېسىلغان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىز ‏- ئوغۇل ئۆسمۈرلىرىنىڭ جەسەتلىرى، 5 ياكى6 ياشتىكى بالىلىرى بىلەن بىرگە ئوق بىلەن بەدىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىنغان بىر ئايال كۆرسىتىلگەن.

سىنالغۇ لىنتىسىدا ،ھاياجانلىق خىتايچە بۇيرۇقلار ئاستىدا ئېتىش ۋە ئۆلتۈرۈشلەر داۋاملاشقان. كىم بىلىدۇ ، ئۇنىڭدىكى خىتايلارنىڭ بىرى مۇشۇ شوپۇر بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ مايكېل شەرىدان يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.