"بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" (3)

2007-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مايكېل شەرىدان يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان ۋە گېزىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان ماقالىسىدە، غۇلجىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ " : شەھەردە مەجبۇرىي بىر سۇكۈت ھۆكۈمران بولۇپ، شەھەردىكى چوڭ مەسچىت يېقىندىكى كافېخانا ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كافىخانىگە كىرگەن خىتايلارغا سوغاق قاراشلىرى، شەھەردىكى ھەقىقىي ۋەزىيەتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ " دەيدۇ.

" خىتايلار ھۇجۇمنىڭ غەلىبىلىك بولمىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان مىلىتاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلماقتا "

مەدەنىيەتلەر ئارا ئۇرۇشنىڭ بۈگۈن دىنلار، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش مەركىزى بولغان قەشقەردە ئەڭ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ ": يانۋار ئېيىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى قىسىملىرى قەشقەرنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىدىكى بىر تەربىيىلەش لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 كىشىنى ئۆلتۈردى. ھۇجۇم جەريانىدا بىر خىتاي ساقچىسىمۇ ئۆلگەن . خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق قاتتىق تەقدىرلەپ، ئۇنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە دەپ تەسۋىرلىدى. لېكىن رايوندا ياشايدىغان خىتايلار ھۇجۇمنىڭ غەلىبىلىك بولمىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان مىلىتاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. "

ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، پېنسىيىگە چىققان بىر خىتاي ئارمىيە ئوفىتسېرى، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى قىسىملىرىنىڭ يانۋار ئېيىدىكى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ " ئۇلار ھەرىكەتنى ياخشى ئېلىپ بارالمىدى. ئۇ ئادەملەر تېخىچە شۇ يەردە. بىز ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قوراللىرى بارلىقىنى بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ھازىر بىڭتۈەندىكىلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن قورال تارقاتماقتا " دېگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

قەشقەردىن جەنۇبغا قاراپ ماڭغان پۈتۈن ئاپتوموبىللارنىڭ يولنىڭ بىر بۆلۈمىدىن قوراللىق ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مايكېل شەرىدان، ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ ": خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداننى ياساش، غەربلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن مېھمانخانا سېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە مىلياردلارچە يۈەن مەبلەغ سالغان. شۇنداقلا قەشقەردە ياسىلىۋاتقان يېڭى بىنالاردا ئولتۇرۇشى ئۈچۈن مىڭلىغان خىتاينى قەشقەرگە ئىمپورت قىلغان. ئۇلار ئاساسەن شەھەرنىڭ كونا رايونىدا خام خىشلاردىن ياسالغان ئۆيلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا."

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ جەمئىيەتنى سىياسىيلاشتۈرۈش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ ": گەرچە قەشقەر كۈندىلىك گېزىتى، قەشقەردىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 84% ىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قەشقەردە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھېلىمۇ كەسكىن. "

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى " كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى "

1949 ‏- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ % 90 پىرسەنتىنى تەشكىللىگەنلىكىنى ۋە بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ يىرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر مايكېل شەرىدان، "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۈلىن، بۇ ۋەزىيەتنى كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى دەپ كۆرسەتمەكتە" دەيدۇ.

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇڭگانلار قاتارلىق باشقا رەقىپ مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاپتۇر، تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا رادىكال دىنىي كۆز قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە تۇڭگانلار ئارىسىدا، ۋاھابىزم تەسرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

4000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سەبىي بالىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىلەمچىلىك ۋە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا

خىتاي كومپارتىيىسى ئاتالمىش ئازاتلىقتىن كېيىن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى دەپ ئېلان قىلغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى خانلار ھاكىمىيىتى دەۋرىگە ئائىت مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇللۇق تىجارىتىنىڭ ھاشار نامى ئاستىدا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ ": خوڭكوڭدا چىقىدىغان ھەپتىلىك فوكس ژۇرنىلى ئۆتكەن ئايدىكى بىر خەۋىرىدە 4000 دىن ئارتۇق ئېلىپ قېچىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر سەبىي بالىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىلەمچىلىك ۋە ئوغرىلىققا سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن ئاتالمىش ئىش تەجرىبىسى ئېلىش ۋە ھۆنەر ئۆگىنىش نامىدا ئېلىپ كېتىلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى بولسا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. نۇرغۇن ئائىلىلەر قىزلىرىنىڭ كارخانىلاردىن پاھىشىخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن قايغۇرماقتا.

ماقالىسىدە، ئەنئەنىۋىي بىر مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە شەرەپ ۋە نومۇس قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۆلۈمدىنمۇ يامان دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر، بۇنىڭ مىلىتانلار ئۈچۈن كۈچلۈك بىر تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان مايكېل شەردان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، شېئىر ۋە مۇزىكىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا قالغانلىقىنى ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قايتىدىن يېزىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت