مايكېل شەرىداننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تورلاردىكى ئىنكاسى

0:00 / 0:00

مايكېل شەرىداننىڭ " ساندېي تايمىز" يەنى يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسى ئۈستىدە مەزكۇر گېزىتنىڭ تور بېتىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە ئاساسەن گېزىتنىڭ ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، كانادا، فرانىسيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان خىتايلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

خىتايلارنىڭ مايكېل شەرىداننىڭ ماقالىسىگە قاراتقان تەنقىدلىرى

مۇنازىرىدە ئاساسەن يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادىكى كەڭ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايلارنىڭ مايكېل شەرىداننىڭ ماقالىسىگە قاراتقان تەنقىدلىرىگە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللىغان بايانلىرىغا جاۋاب قايتۇرغان.

مۇنازىرىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپى دەسلەپتە، ئۇيغۇرلارغا قارشى مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى پۈتۈنلەي قوللىغان مۇنازىرىگە قاتناشقان خىتايلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن مۇنازىرىگە قاتناشقان گېزىت ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋەتلىشى نەتىجىسىدە تەلەپپۇزىنى يۇمشاتقانلىقىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايكېل شەرىداننىڭ ماقالىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ھەمدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.

"ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدە ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىۋاتقانلارغا قارشى كۈرەش قلىۋاتىدۇ"

بېيجىڭدىن مۇنازىرە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن بېرى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن يېڭ ياڭ ئىسىملىك خىتايغا، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن جاۋاب قايتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ۋېلىنگتون شەھىرىدە ياشايدىغان جىم ئىسىملىك ئامېرىكىلىقنىڭ جاۋابى دېققىتىمىزنى تارتتى.

جىم، ياڭ ياڭنىڭ كۈز قاراشلىرىنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ": لوندۇندىكى پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلارنى تېررورچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار لوندوندا ئۆزلىرىنى پارتلاتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش خىيالى بىر دۈشمەنگە ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدە ئۇلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىۋاتقان كوممونىستلارغا قارشى كۈرەش قلىۋاتىدۇ."

مۇنازىرىگە ئەنگىلىيىدىن قاتناشقان سام گېلس ئىسىملىك بىر ئېنگىلىز، يېڭ ياڭنىڭ شىنجاڭ ئەزەلدىن بېرى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى دېگەن كۆز قارىشىنى رەت قىلىپ، ئەگەر سىز ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ تۇپراقنىڭ 1949‏- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، ۋىكىپىدىئانىڭ خىتايچە شىنجاڭ بابىغا قاراڭ، دېگەن.

چەتئەللىكلەرنىڭ، ياڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىشى، مۇنازىرىگە شاڭخەيدىن قاتناشقان ۋە ئۆزىنى كەت مىمى دەپ تونۇشتۇرغان خىتاينىڭ تەلەپپۇزىنى يۇمشىتىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ مايكېل شەرىداننىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ ": مىنىڭ سىياسەتتىن ئانچىلا خەۋىرىم يوق. لېكىن مەن بىر خىتاي ۋە ماقالىدە يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنەلمەيمەن. يېزىلغانلارنىڭ بىر قىسىمى توغرا بولۇشى مۇمكىن دەيمەن. "

بىر خىتاي: "تيەنئەنمېندە قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى؟"

شاڭخەيدىن مۇنازىرىگە قاتناشقان خىتايغا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئورىندا شەھىرىدىن مايكېل ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " مايكېل شەرىداننىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى توغرا . ئۇ رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ سوتلانماي، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پەقەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭكىگە ئوخشىمىغان كۆز قاراش بايان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنماقتا. تىنچلىق بىلەن ئۆز پىكرىنى بايان قىلغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تۇتۇشمۇ خاتا. بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغانلار بۇنداق بىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك."

چەتئەللىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشى، ئاخىرىدا خىتاي ئىچىدىن مۇنازىرىگە قاتناشقان بەزى خىتايلارنىڭ تىغ ئۇچىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتىشىغا سەۋەب بولغان. بېيجىڭدىن مۇنازىرىگە قاتناشقان دەن شەن ئىسىملىك خىتاي، "تيەنئەنمىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئۇ تيەنئەنمېندە قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى؟" دەپ سوراش ئارقىلىق، ئۆز خەلقىغە رەھىمسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشقان. (ئۆمەر قانات)