رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى
2007.10.31

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىگە بولغان دىققىتى كۈچەيمەكتە. ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە ياتىدىغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينى 2007 -يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئالدى ۋە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى.
مارك لېيگون : خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرى "مەلۇم سىياسىي پىلان" نىڭ بىر قىسىمى
خىتاي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن خىتاينى 2007 - يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپلا قالماي،خىتاي يەنە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە سەمىمىي ئەمەس،دەپ ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ساھەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ياتامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى توغرىسىدا مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىمۇكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرىنى ئالدى.
يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مارك لېيگون، خىتاينى خەلقئارا ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئۆتكۈنچى بېكىتى ۋە نىشانى بولۇپلا قالماي، ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ مەنبەسى، دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرىنى "مەلۇم سىياسىي پىلان" نىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئەسكەرتىپ، "ئەگەر سىز مەسىلىگە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا تەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ، چىڭداۋ، سەندۇڭغا يۆتكەپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىغا بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارىسىڭىز، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش سىياسىي پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالىسىز " دېدى.
" ئەگەر ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەھۋالى خەۋەرلەردە ئېيتىلغان بىلەن ئوخشاش بولسا، بۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرىدۇ "

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن باش ئەلچى لېيگون، "ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم " دەيدۇ. رادىئومىزنىڭ مۇخبىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاجۇڭ يېزىسىدىكى يەرلىك كادىرلارنى زىيارەت قىلغاندا ئۇلار بۇ يېزىدىكى ھەر قايسى كەنتلەردە ئۇيغۇر قىزلارنىڭ سەندۇڭدا ئىشلەشكە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ مەسىلە ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئەينى چاغدا باش ئەلچى لېيگون "ئەگەر ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەھۋالى خەۋەرلەردە ئېيتىلغان بىلەن ئوخشاش بولسا، بۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرىدۇ "دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق بايراقدارى رابىيە قادىر خانىم، چارشەنبە كۈنكى يىغىندا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە قارشى 11 تۈرلۈك ئۇسۇلدا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ" دېدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارغا جەرىمانە قويۇش، يېرىنى تارتىۋېلىش، ھاشارغا ھەيدەش ئۇسۇلى بىلەن تەھدىت سېلىپ، قىزلىرىنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىچىكىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ كۈنىگە 14 سائەت ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىپلا قالماي، ناھايىتى ئاز مائاش بىلەن ئىنتايىن ناچار ئەمگەك ۋە تۇرمۇش شارائىتىدا ياشايدىغانلىقىنى شۇنداقلا مائاشىنىڭ ۋاقتىدا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ھەم سىرت بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم، " بىز قىزلارنىڭ قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىپلا قالماي، ئۇلار جىنسىي مۇلازىمەتچى قىلىنىش يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز " دەيدۇ. ئۇ يەنە، "بىز بۇ ئۇيغۇر قىزلارنى ئۇيغۇر ئەركەكلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي ئۆلكىلەردە خىتاي ئەركەكلەرگە خوتۇن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇرلار قىزلار بىلەن تولدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز " دەپ كۆرسەتتى. رابىيە خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلار توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
كرىستوفىر سىمىت : خىتاي ئۇيغۇرلارغا " ئىرقىي تازىلاش" سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ
كرىستوفىر سىمىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي، مىللىي ۋە تۇغۇت سىياسىتىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاي ئۇيغۇرلارغا " ئىرقىي تازىلاش" سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 2 پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتىنى "ئىرقىي تازىلاش" دەپ تەكىتلىگەن كرىستوفىر سىمىت، "رابىيە قادىر بۇ سىياسەتنىڭ بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى " دەپ كۆرسەتتى ھەمدە " بۇ سىياسەت ب د ت ئىرقىي تازىلاش ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ " دەپ ئەسكەرتتى. كرىستوفىر سىمىت يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتى كەڭ كۆلەملىك "ئىرقىي تازىلاش" نىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇيغۇر خەلقى كەڭ كۆلەملىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك يوقۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىز كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن " دېدى.
خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئاساسەن خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىنى مەركەز قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى جىنسىي قۇللار ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. خەلقئارا ئەمگەك ئويۇشمىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىغا قارىغاندا، ھەر يىلى خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىدا 20000 غا قەدەر ئادەم سېتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ %90 ى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە مەقسىتىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدۇر. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمى ئەر - ئاياللار نىسبىتىدىكى پەرقنى چوڭايتىپ، "خوتۇن"سودىسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم، 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- خىتايغا بارغان ئىشلەمچى قىزلار نىمە ئۈگىنىپ كەلدى؟
- خىتاينىڭ، "خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ باي قىلىش" تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇرلار ئەمدى ئالدانمايدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرماقچى
- زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر تەتۈر ئېقىم
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى
- چىگرىسىز مۇخبىرلار : خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
- "خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى يېتەرلىك ئەمەس"
- شۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن دۆلەت ئاتلىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى