ئىسرائىلىيە خىتايغا قورال ساتقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ئوچۇق كەچۈرۈم سورىدى

0:00 / 0:00
MIDEAST-PALESTINIAN-ISRA-41.jpg
يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس خانىم ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوم بىلەن يېرۇسالېمدا.AFP

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوم يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىدىكى بىر ئاممىۋىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، خىتايغا قورال سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئوچۇق كەچۈرۈم سورىدى.

شالوم: بىزنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا زىيان سېلىش نىيىتىمىز يوق

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان سۆزىدە، "بىز ئېلىپ بارغان بۇ قورال سودىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى. ئەگەر بىز ئامېرىكا قوبۇل قىلالمايدىغان ئىش قىلىپ قويغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز ئامېرىكىدىن كۆپ كەچۈرۈم سورايمىز. لېكىن بىزنىڭ بۇ ھەربىي سودىنى ئېلىپ بېرىشىمىزدا ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا زىيان سېلىش نىيىتىمىز يوق ئىدى" دەپ بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە خىتايغا بىر قىسىم سەزگۈر قورال سېستىمىسى ۋە يېڭى ئىلغار تېخنىكىلارنى سېتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ تېخنىكىلار بىلەن خىتاي، رادار سېستىمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش سېستىمىسىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرالايدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ خەۋەر، ئىسرائىلىيىگە ھەر يىلى 2 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا، ئىسرائىلىيىنىڭ ھىندىستانغا قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشى ئەمەس

تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسرائىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئانالىز ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاي بىلەنلا ئەمەس بەلكى ھىندىستان بىلەنمۇ قورال سودىسى بارلىقىنى، لېكىن ھىندىستان بىر دېموكراتىك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ ھىندىستانغا قورال سېتىپ بېرىشىگە ئامېرىكىنىڭ ئانچە قارشى تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوم ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنىمۇ قوبۇل قىلغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە، بىر مەيدان تىك-تاك توپ ئويۇنىدا لى جاۋشىڭغا ئۇتتۇرۇپ بەرگەن. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشتا ئاساسلىقى سودا مەسىلىلىرىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئەمما قورال سېتىش ئىشلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، ئىسرائىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكا ئىككى قىرغاق ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خىراجەت خامچوتى نۆۋەتتە دۇنيا جامائىتىنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتقا ئاجرىتىۋاتقان خىراجىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خىراجەت خامچوتىنىڭ ئۇلار ئېلان قىلغاندىن ئون نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى جىددىي ئاشۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبى، تەيۋەن مەسىلىسى بولۇپ، ئامېرىكا ئىككى قىرغاق ھەربىي تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. گەرچە ئامېرىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ياقلىسىمۇ، لېكىن ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا قورال كۈچى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى خالىمايدۇ. (پەرىدە)